تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

لوبو، لازا، بەسەي... شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى مول ھوسۇلنى خۇشال كۈتۈۋالدى

 ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى لوبودىن مول ھوسۇل ئالدى، 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، دېھقانلار يۇلۇۋالغان لوبولارنى ماشىنىغا قاچىلىماقتا.

زىڭ جاۋمېي فوتوسى

10-ئاينىڭ 26-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ قوشساتما يېزىسى تۆگەسۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ خاڭگا ئۈزمەكتە.

لى پېڭيەن فوتوسى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى شۇاڭخې شەھىرى 84-تۇەنى بەسەيدىن مول ھوسۇل ئالدى، بەسەيلەرنىڭ تۈپى يوغان، يوپۇرماقلىرى يېشىل، يۇمران ئىدى. (10-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان)

خۇ ۋېيبىن فوتوسى

10-ئاينىڭ 25-كۈنى، شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى تيېگەن سۇڭپىياز ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا دېھقانلار سۇڭپىيازلىرىنى يىغماقتا.

ليۇ شاۋدەن فوتوسى

10-ئاينىڭ 26-كۈنى، دېھقانلار جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى يېلىشىنەن كەنتىدە كومبايىن بىلەن لازا يىغماقتا.

سەي يۇڭجيې فوتوسى

 

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى جام بازىرىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا، دېھقانلار ھوسۇل ئالغان لازىلارنى ۋاقتىدا ئاپتاپقا سالماقتا.

يەن شوۋلىن فوتوسى

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، چەرچەن ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چەرچەن بازىرى سەيدۈي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ سەۋزە يۇلماقتا.

رىزۋانگۈل فوتوسى

10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى ئاقتېرەك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى شوخلا ئۈزمەكتە.

نىياز راخمان فوتوسى

پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانىدا پاختا يىغماقتا. (10-ئاينىڭ 22-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

لى خۇابېي فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانىدا، پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغماقتا.

لى خۇابېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل