تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

مەكىت «قىزىل بالىلار» لېكسىيە ئۆمىكى «توردا ئالقىشلاندى»

«قىزىل بالىلار» لېكسىيە ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەھەللىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتە. 

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن چىڭيەن) سۈرىيە مامۇت بىلەن مەدىنەم ئوسمانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەكىت ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «قىزىل بالىلار» لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش بىر تەلەيلىك ئىش ئىدى. پارتىيە تارىخى، شىنجاڭ «تۆت تارىخ»ىنى چۈشەندۈرۈش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنى بىلىم بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆسۈپ يېتىلىش بولدى. 

    سۈرىيە، مەدىنەمگە ئوخشاش «قىزىل بالىلار» لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسىدىن مەكىت ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە 300 نەچچىسى بار.

     ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە شىنجاڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2021-يىلىنىڭ بېشىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ تەكلىپى بويىچە، مەكىت ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ «قىزىل بالىلار چۈشەندۈرۈش ئۆمىكى»نى تۇنجى بولۇپ قۇرۇپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدە ناخشا ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەش» قاتارلىق كۇەيبەن نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، ئاتا-ئانىلىرىغا، قوشنىلىرىغا پارتىيە تارىخى، شىنجاڭ «تۆت تارىخ»ى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى. 

   نۆۋەتتە، «قىزىل بالىلار» لېكسىيە ئۆمىكى 300 نەچچە مەيدان نۇتۇق سۆزلەپ، 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاڭلىغۇچىسى بىلەن ناھايىتى تېزلا «توردا ئالقىشلاندى». بۇنىڭ نەتىجىسىدە رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يولىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز سىناپ كېڭەيتتى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى قىلدى. 

   2021-يىلى، رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئون تۈركۈم، قېتىمدا 230دىن ئارتۇق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ مەكىت ناھىيەسىگە كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

    رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 120 مىليون يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ يېزا، كەنت ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى. مەكىت ناھىيەسىنىڭ يەكەن دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت باغچىسىغا تايىنىپ، 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى مەدەنىيەت بازىسىنى بەرپا قىلدى؛ 2 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، «يەتتە بىر» ئۆلچەم بويىچە، دولان خاس مەدەنىيەت ساياھەت بازىرى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى يېرىم يېزا-بازار مەدەنىيەت پونكىتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. 

   بۇ يىل، رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشتابى يەنە ئون تۈركۈم، قېتىمدە 230دىن ئارتۇق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ مەكىت ناھىيەسىگە كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، «مەكىتنى لۇجۈ تىياتىرى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» «خەنخەي بېلىق كۆرگەزمىسى» «يىپەك يولى مەدەنىيىتى خەنخەي فوتو سۈرەتچىلىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مەكىت ناھىيەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. 

سۈرەتنى رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى