تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاتۇش: «ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش» ئەنجۈرنىڭ سىرتقا سېتىلىشىغا كۈچ قوشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، پىراكتىكانت لى يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ۋە سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاتۇش ئەنجۈرىنىڭ سېتىلىشىغا كۈچ قوشتى، بۇ يىل جەمئىي 490 نەچچە مىڭ دانە ئەنجۈر يېڭى پېتى سېتىلدى.

  يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاتۇش شەھىرى ئەنجۈر سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، «شېرىن ئاتۇش، جەلپكار شىمالىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى ئارقىلىق، تۇنجى قېتىم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى بازارلىرىغا 500 يەشىكتىن ئارتۇق ئەنجۈر سېلىپ، جەمئىي 32 مىڭ دانە ئەنجۈر ساتقان، سېتىش سوممىسى 90 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ كىرىمىنى 40 نەچچە مىڭ يۈەن ئاشۇرغان.

  «بىز ئىلى ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ھەم ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنى، ۋىيشىن سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا دارېنلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە ھالدا ئىستېمالچىلارغا كوللېكتىپ سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى، جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن 2-تۈركۈمدىكى مالنى سالدۇق» دېدى ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىسۇڭ.

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنجۈرنى توشۇش، زاپاس ساقلاش قىيىن بولغاچقا، ئاتۇش ئەنجۈرلىرى ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىگىچە سېتىلاتتى. 2018-يىلى، ئاتۇش شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بولغاندىن كېيىن، ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئەنجۈرنى ساقلاش مۇددىتىنى ئەسلىدىكى 2-1 كۈندىن 15-7 كۈنگىچە ئۇزارتىپ، ئەنجۈرنى شىنجاڭدىن چىقىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، 2019-يىلى ئەنجۈر تۇنجى قېتىم ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق شاڭخەيگە سېتىلدى.

  بۇ يىل 8- ئايدا، ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى «تور+ تور سىرتى» تىجارەت ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، تاۋباۋ، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق، ئاتۇش ئەنجۈرىنى سىرتقا سېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، ئاتۇش شەھىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى ئارقىلىق جەمئىي 491 مىڭ دانە ئەنجۈر سېتىپ چىقارغان، سېتىش سوممىسى 1 مىليون 77 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ كىرىمىنى 569 مىڭ يۈەن ئاشۇرغان.

  ۋاڭ جىسۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاتۇش شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتىرونلۇق سودىغا تىپىنى ئۆزگەرتكەن كارخانا، ئىگىلىك تىكلەش دارېنلىرىنى تەشكىللەپ ئەنجۈر سېتىشقا قاتناشتۇرۇپ، ئاتۇش ئەنجۈرى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، ئىستېمالچىلارغا «شېرىن تەمنى تېتىش» بىلەن بىللە، ئاتۇش شەھىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ھەميېنىنى «تومپايتىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى