تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئىناق، گۈزەل يۇرت-ماكاندىكى ياخشى مەنزىرە

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر يەكەن ناھىيەسى كونا شەھەردە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشنى بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇ، ئۆرپ-ئادەت، ئەتلەس توقۇش، گىلەم توقۇش قاتارلىق خاسلىققا ئىگە كوچا رايونى، كوچىلارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «بىر كوچىدا بىر كەسىپ»، «بىر كوچىدا بىر مەنزىرە»، «بىر كوچىدا بىر خاسلىق»بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىشچىلار يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان كىۋارتىسلىق سائەت ئۆزىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا زاكازلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ شىركەت 2018-يىلى يەكەن ناھىيەسىنىڭ چېڭدۇڭ كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان چاڭغا تېيىلىش كىيىمى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا سېتىلدى.

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى يەكەن ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا نان مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. بۇ كەسىپلەر باغچىسى بازارغا سالغان ئاساسىي يېمەكلىك نېنى، ئىستىراھەت نېنى، تەييار نان، ساياھەت نېنى قاتارلىق 46 خىل نان ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

9-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر كەنت ئاھالىسى يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى قىشلاق كەنتىدە سەبدەرگۈل ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى سەبدەرگۈل كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 100 مىڭ موغا يەتتى.

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچىلەر يەكەن ناھىيەسى يۈشىن مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ توڭلىتىپ قۇرۇتۇش سېخىدا ئۈجمە قېقىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ شىركەت يىغىپ سېتىۋېلىش، توڭلىتىپ قۇرۇتۇش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىر گەۋدە قىلىنغان توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان يېمەكلىكلەر كارخانىسى بولۇپ، كۈنىگە ئىككى توننا تۈرلۈك مېۋە-چېۋە قېقى پىششىقلايدۇ، ھازىر 198 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى، تېخنىك خادىم يەكەن گېبى كەسىپلەر باغچىسىدىكى كۆكتات پارنىكىدا كۆكتات تېرىيدىغان دېھقانغا شوخلا تېرىقچىلىقى تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. كەسىپلەر باغچىسىدىكى 869 پارنىكقا شوخلا، لازا، ليەنخۇابەي قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلغان بولۇپ، شۇ جايدىكى 1200 نەچچە ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ) قاتار-قاتار ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى، تەكشى ۋە كەڭ يوللار، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار... يەكەن ناھىيەسىگە كىرگىنىڭىزدە ھەممە يەردە ئىناق مەنزىرە نامايان بولاتتى.

    يەكەن ناھىيەسى زەرەپشان كوچا باشقارمىسى جايتېرەك كەنتىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسىدا، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. نۆۋەتتە، يېمەك-ئىچمەك، ناۋايخانا، چايخانا، كاۋاپخانا، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كۆكتات، ئاشلىق-ياغ، كىيىم-كېچەك، بەش خىل مېتال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، داۋالاش مۇلازىمىتى، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك دۇكانلار توپلانغان ئىشقا ئورۇنلىشىش كوچىسى، 236 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى.

    جايتېرەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىمىت ئاۋۇت مۇنداق دېدى: كەنت «كەسىپ + ئىگىلىك تىكلەش + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 1851 ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

    كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئارانلا ئىككى مو بولغان يەكەن ناھىيەسى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىمەسلىك تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چۆللۈكنى تېرىلغۇ يەر قىلدى، چۆللۈكتە كەسىپ بەرپا قىلدى، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، كىرىمنى ئاشۇردى. ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈكتە 10 مىڭ مولۇق كەسىپلەر باغچىسى بارلىققا كەلدى. «ئىلگىرى كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان چۆللۈك بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بېيىش ئارزۇيىمىزغا تىرەك بولدى» دېدى ئودانلىق بازىرى باغئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزى ئىمىننىياز چۆللۈكنىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا، پەن-تېخنىكىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى «قورال»ىغا ئايلانغانلىقىدىن ھاياجانلىنىپ.

    ئىللىق قۇياش نۇرىدا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان يۇڭپىڭ كەنتىدە، ياشانغانلار ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ سالقىندىغاچ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئىشلار توغرىسىدا مۇڭدىشىۋاتاتتى؛ بالىلار ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ، قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى... «باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ يۆلەش بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق» دېدى كۆچۈپ كەلگەن ئاھالە ئىمىنجان تاش خۇشال ھالدا.

    ھازىر، يۇڭپىڭ كەنتىنىڭ تۇرمۇش رايونى، كەسىپلەر رايونى، باقمىچىلىق رايونلىرىنىڭ پىلانلىنىشى ئىلمىي، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولۇپ، تۇرالغۇ رايونىدا مەكتەپ، شىپاخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق.

    ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى يەكەن كونا شەھىرىنىڭ قەدىمىي ئەسلىي قىياپىتى ساقلاپ قېلىنغان ھەم ھاياتىي كۈچى يوقىمىغان. 5.16 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يەكەن كونا شەھەر مۇھاپىزەت رايونىدا، 48 مىڭ 669 ئائىلىلىك 219 مىڭ كىشى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشى بولدى.

    بۈگۈنكى كۈندىكى يەكەندە شەھەر-يېزىلار تېخىمۇ گۈزەل، كەسىپلەر تېخىمۇ كۈچلۈك، پۇقرالار تېخىمۇ باي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسىدە كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى