تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جىڭ ناھىيەسى: ئاھالىلەر ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي كۆپەيدى

      شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچقۇرۇن، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق يولىدىكى دەريا بويىدا سەيلە قىلىغىنىمىزدا، ئىككى تەرەپتە ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل ئىناقلىققا تولغان مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

     «ئىلگىرى، دەريا يولىنىڭ ئىككى تەرىپى تاشلاندۇق جاي بولۇپ، شامال چىقسىلا ھەممە يەر توپا-چاڭ بولۇپ كېتەتتى. بىر نەچچە ئاي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق ھازىر مۇھىت گۈزەللەشتى، بىزنىڭ ئارام ئېلىشىمىزغا ياخشى جاي بار بولدى، كەچتە يەنە مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىيالايدىغان بولدۇق.» ئاھالە خۇاڭ چاۋسۇڭ جىڭ ناھىيەسى ئىتتىپاق يولىدىكى پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان دەريا قىرغىقى قۇرۇلۇشنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

    شەھەر قىياپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن، 3-ئايدىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق يولىدىكى دەريا يولىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، 84 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 150 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ كۆلىمى 22 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر، قاتتىقلاشتۇرۇلىدىغان كۆلەم 52 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر، كۆكەرتىلىدىغان كۆلەم 75 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. دەريا يولىنى ئۆزگەرتىش، كۆكەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق باغچە رايونىنىڭ قوشۇمچە قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئېكولوگىيە، ئىستىراھەت فۇنكىسىيەسى بىر گەۋدە قىلىنغان مەنزىرە دەريا يولى ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى بەرپا قىلىندى.

     «جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق يولىدىكى دەريا يولىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى تۈرى ئاسما كۆۋرۈكتىن تاشقى ئايلانما يولغىچە ئۇزارتىلدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.65 كىلومېتىر كېلىدۇ. بىز ئىتتىپاق يولى ئۆستىڭىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆستەڭنىڭ قىرغاق لىنىيەسى شەكلىنى بېيىتىپ، شەھەرگە كىرىش مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدۇق. ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشتىكى بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق.» دېدى جىڭ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى يۆ جيەنۋېي.

     جىڭ ناھىيەسى شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا دەريا ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، شەھەرنى «بوش قالدۇرۇش»، مەنزىرە قۇرۇلۇشى، خەلققە قولايلىق يارىتىش ئەسلىھەلىرى، يول تورى قۇرۇلۇشى، ئۆي-مۈلۈك تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يانداش ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، شەھەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى بەخت كۆرسەتكۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

     يۆ جيەنۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى نەپىس مەدەنىيەت، ئېسىل مەھسۇلات ئېڭىنى شەھەر تەرەققىياتىغا كۈچەپ سىڭدۈردى، ئاممىنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، «دېرىزىنى ئېچىپ يېشىللىقنى كۆرۈش، سىرتقا چىقىپ باغچىنى كۆرۈش» گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جىڭ ناھىيەسى نۇرغۇن مەدەنىيەت مەيدانىنى «شەھەر كىچىك گۈللۈكى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شەھەر چېتىدىكى يەرلەر، بوش يەرلەردىن تولۇق پايدىلاندى، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر تۈركۈم كىچىك سەيلىگاھلار ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.

     «مەدەنىيەت مەيدانى پۈتتى، يەنە تىكتاك توپ، پەي توپ قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى سەپلەندى. ئارامگاھ بولغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭمۇ ئوينايدىغان يېرى بار بولدى، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى.» جىڭ ناھىيەسى خېپىڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى جاڭ خۇەنزى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ياشىغىنىمدىن ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ