تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈللىرى تىيانشان تېغى ئېتىگىدە پورەكلەپ ئېچىلدى

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسى تىگىنلا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇشوۋشياڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىكى ئاھالىلەر سالقىنداپ، شاھمات ئويناپ، گۈزەل چاغلاردىن ھۇزۇرلاندى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى 118 نەپەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ھېس قىلدى.

لى كۈنپېڭ فوتوسى

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار پويىزدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنىغان T9526/7 «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى يولغا چىقتى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئابدۇغېنى مامۇت كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتمەكتە. قەشقەرلىك ئوغۇل بالا ئابدۇغېنى مامۇتنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئالتە يېشىدىن باشلاپلا بارغانسېرى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، سەككىز يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.01گە، سول كۆزىنىڭ 0.08گە تۆۋەنلەپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. گۇاڭدۇڭ ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى كۆپ تارماقلارنىڭ كۈچ ئۇلىشى بىلەن، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى گۇاڭجوۋدا، گۇاڭدۇڭلۇق بىر ئەرنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ئابدۇغېنىنىڭ ئوڭ كۆزىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرۈلدى، ئەمدىلىكتە، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىپ 0.4كە كۆتۈرۈلدى، سول كۆزىگە ئۈچ ئايدىن كېيىن ھەقسىز كۆز مۈڭگۈز پەردىسى كۆچۈرۈلىدۇ. گۇاڭدۇڭ، شىنجاڭ ئىككى جايدىكى نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بىرلىكتە مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى ياڭراتتى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چاڭفۇ فوتوسى

    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا ئۈزۈلگەن بىلەكنى قايتا ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى 8-كۈنى سېسترا بىلەن پاراڭلاشماقتا. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 20 ئەتراپىدا، يەتتە ياشلىق بۇ خوتەنلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئوڭ بىلىكىنى تىراكتورنىڭ تاسمىلىق چاقى ئۈزۈۋەتتى، جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىپ قۇتقۇزۇلۇپ-داۋالىتىلدى. 1400 كىلومېتىردىن ھالقىغان، سەككىز سائەت داۋاملاشقان ئۈزۈلگەن بىلەكنى قايتا ئۇلاشتىن ئىبارەت بۇ ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلاش مۇساپىسىدە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش يولىنى ئېچىپ، قان-تەرى ئارقىلىق قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  5-ئاينىڭ 28-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سالىقجان ئىمىن (ئوڭدا)نىڭ ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ 75 ياشلىق ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن 12 يىل ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى، تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئۇنىڭ ھويلىسىدا ئىزچىل لەپىلدىدى. ھازىر، سالىقجاننىڭ ھويلىسى چۆچەك شەھىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

  □ ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

    بۇ يەرنىڭ يېرى كەڭ، ھەر قايسى مىللەتلەر بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان؛ بۇ يەر ئىناق، مۇقىم بولغانلىقتىن، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدۇ. بۇ جاي شىنجاڭ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق بەختلىك ئائىلىسى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋاغا ۋە قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگىنىمىزنى تۇيمايمىز، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالساق ياشىيالمايمىز. ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەركەزداش چەمبىرى سىزغانسېرى چوڭايدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى دائىملاشتۇرۇلۇپ قانات يايدۇرۇلدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق پويىز ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئېلىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇزاققىچە ئۇرغۇدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى كەڭ تارقالدى: لاچىن بايەكە سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان مۇزدەك سۇدا ھاياتى بىلەن يەنە بىر ھاياتلىقنى قوغدىدى؛ سەككىز سائەت داۋاملاشقان، 1400 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھايات ـ ماماتلىق قۇتقۇزۇپ ـ ياردەم بېرىش ئارقىلىق، خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنىپ داۋالاندى؛ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغىلى تاس قالغان قەشقەرلىك ئوغۇل بالا ئابدۇغېنى مامۇت گۇاڭجوۋدا «يېشىل يول»دىن بەھرىمەن بولۇپ كۆز مۈڭگۈز پەردە كۆچۈرۈشنى تاماملىدى...

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ھېكايىسىنى شىنجاڭدا مەڭگۈ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شادلىق ناخشىسىنى ئورتاق ياڭراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى