تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«كونا» ئاھالىلەر «يېڭى» تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولدى

ئاتۇش شەھىرىدە كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ئالغا سىلجىتىلدى

«كونا» ئاھالىلەر «يېڭى» تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولدى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (قىزىلسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، «كونا» ئاھالىلەرنى «يېڭى» تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلدى.

    بۇ يىل، ئاتۇش شەھىرى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە مەكتىپى ئائىلىلىكلەر قورۇسى سېلىنغىنىغا 20 يىل بولغان كونا ئولتۇراق رايون، بىنانىڭ سىرتقى تېمىدا ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى يوق، سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى كونىراپ كەتكەن بولۇپ، دائىم سۇنى توختىتىپ رېمونت قىلىناتتى.

    بۇ يىل 5-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئاتۇش شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سەھىيە مەكتىپىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇ ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كىرگەندە، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىغا قېلىن ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى چاپلانغان بولۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىدىكى سۇ تۇرۇبىلىرى يېڭىغا ئالماشتۇرۇلغانىدى. ئەسلىدىكى رەتسىز ئولتۇراق رايون ئۆزگىرىپ پاكىز، رەتلىك بولۇپ كەتكەن، يېڭىدىن كۆكەرتىلگەن جايلار كۆپەيگەن، تەنتەربىيە، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە توكسىكلىتقا توك زەرەتلەش تۈۋرۈكى ئورنىتىلغانىدى.

    بۇ ئولتۇراق رايوندا 20 يىلغا يېقىن ئولتۇرغان ئاھالە ئابدۇشۈكۈر نۇر ئولتۇراق رايوننىڭ يېپيېڭى قىياپەتكە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت. ھازىر، ئولتۇراق رايونغا كىچىك گۈللۈكمۇ ياسالدى، بۇ يەردە ئولتۇرىدىغانلارنىڭ كەيپىياتى ھەر كۈنى ناھايىتى ياخشى».

    ئاتۇش شەھىرىنىڭ 2021-يىلىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى پۈتۈن شەھەردىكى 34 كونا ئولتۇراق رايونغا چېتىلىدۇ، نەپكە ئېرىشىدىغان ئامما 1881 ئائىلىگە يېتىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈچ ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش تاماملاندى.

    ئاتۇش شەھەرلىك ئۆي-زېمىن مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شەن ئېرجيۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاتۇش شەھىرى بۇ يىل كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتە، ئاساسلىقى ئولتۇراق رايونلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، يۇندى چىقىرىش تۇرۇبا تورى، تام، كۆكەرتىش شۇنداقلا باشقا شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتتى. پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش يوللىرى، ئاممىۋى يورۇتۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى