
ئانار بۇلۇت خەۋىرى كۈز شامىلىدا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان دېھقانلار يەنە لازىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلنى كۈتۈۋالدى، قىپقىزىل لازىلار شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى.
نىياز راخمان فوتوسى

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرىدىكى لازىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازىلارنى قۇرۇتماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
نيەن لېي فوتوسى
باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇ يىلقى لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 74 مىڭ مو بولۇپ، ھازىر ئۈزۈش، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش مەزگىلىگە كىردى.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۇچا شەھىرى دۆڭقۇتان بازىرىغا جايلاشقان كۇچا شىنبەيشۇن لازا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى لازىلارنى ئاپتاپتا قۇرۇتماقتا.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
بۇ يىل بۇ كوپىراتىپ تېرىغان 18 مىڭ مو يەردىكى لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان بولۇپ، 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇق لازا ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەنمەكتە.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، دېھقانلار كۇچا شەھىرى دۆڭقۇتان بازىرىدىكى ئاپتاپتا قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازا قۇرۇتماقتا.
نىياز راخمان فوتوسى
ھازىر، كۇچا شەھىرىدە 35 مىڭ 200 مو يەرگە تېرىلغان لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يىغدى، ئاپتاپتا قۇرۇتتى، ساتتى.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۇچا شەھىرى دۆڭقۇتان بازىرىغا جايلاشقان كۇچا شىنبەيشۇن لازا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى لازىلارنى ئاپتاپتا قۇرۇتماقتا.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
بۇ يىل بۇ كوپىراتىپ تېرىغان 18 مىڭ مو يەردىكى لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان بولۇپ، 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇق لازا ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەنمەكتە.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرىدىكى لازىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازىلارنى قۇرۇتماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
نيەن لېي فوتوسى
باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇ يىلقى لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 74 مىڭ مو بولۇپ، ھازىر ئۈزۈش، ئاپتاپتا قۇرۇتۇش مەزگىلىگە كىردى.
9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساۋەن شەھىرىدە 52 مىڭ مو يەرگە تېرىلغان قاپاق لازا، يىپسىمان لازا قاتارلىق تۆت خىل تۈردىكى 19 خىل لازا سورتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مۆلچەرلىنىشچە، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا يىغىش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدىكەن.
ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 7-تۇەن 4-ليەنىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماشىنا ئارقىلىق پىگمېنتلىق لازا ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
سۈن گوچۈەن فوتوسى
بۇ يىل، بۇ شى 50 مىڭ مو يەرگە پىگمېنتلىق لازا تېرىدى، نۆۋەتتە، بۇ لازىلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يىغىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، شاڭخەي، شەنشى، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى بازارلارغا ساتتى.

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 7-تۇەن 4-ليەنىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزىدا، بىر ئىشچى - خىزمەتچى پىگمېنتلىق لازىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
سۈن گوچۈەن فوتوسى