تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغان ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققى 81 مىليون يۈەندىن ئاشتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، «1-ئۆكتەبىر» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا قاتناش ئومۇمىي مىقدارى 4 مىليون 83 مىڭ 800گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كىشلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان ھەق كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن قاتنىغان ئاپتوموبىل 2 مىليون 645 مىڭ 700 بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان قاتناش ھەققى 81 مىليون 78مىڭ 100 يۈەن بولغان.

  بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يول تورى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يۈرۈشى نورمال، تەرتىپلىك بولدى، ئاپتوموبىللارنىڭ ئېقىم مىقدارى تەكشى، مۇقىم، قاتنىشى تەرتىپلىك، ياخشى بولدى.

  ساياھەت، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق ساياھەتكە چىقىش ئېھتىياجى ئامىلىنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىن چىقىش يۆنىلىشى ۋە دەم ئېلىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە كىرىش يۆنىلىشىدىكى قاتناش بېسىمى ئادەتتىكىگە قارىغاندا ئېشىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگە قاراپ يولغا چىقىپ تۇغقان يوقلايدىغان، ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ئېقىم مىقدارىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولدى ھەمدە كەچكىچە داۋام قىلدى. 10-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ئازراق پەسىيىپ، ئارىلاپ  قاتناشنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلدى. 10-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 7-كۈنى سائەت 20 گىچە، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان ئاپتوموبىل ئېقىمىدا يۇقىرى پەللە كۆرۈلدى. 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئېقىمى تەدرىجىي نورمال ھالەتكە قايتتى.

  بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول يول تورىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تاشيول قاتنىشىنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ئەمەلىي كۆزىتىپ-ئۆلچەپ، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە قاتناش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى، يول تورى يۈرۈشىنىڭ كۆزىتىپ-ئۆلچەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يول ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تاشيول تورىنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئازايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى