تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۈك ماشىنىلىرىنىڭ شەھەر يولىدا يۈرۈشىگە قويۇلغان چەكلىمە بوشىتىلدى! 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا چەكلىمە بوشىتىلغان شەھەردىن يەنە بىرسى كۆپىيىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) ​8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاچقان «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش قولاي تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىش بويىچە تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قاراماي شەھىرىنى يۈك ماشىنىلىرىنىڭ شەھەر يوللىرىدا يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئىسلاھاتى تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغان شەھەر قىلىپ كۆپەيتكەن.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە 12 تۈرلۈك قولاي تەدبىرنى يولغا قويدى، يۈك ماشىنىلىرىنىڭ شەھەر يوللىرىدا يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئىسلاھاتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى 24 سائەت مەنئى قىلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ، شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونى قاتارلىق ئالاھىدە رايونلاردىكى ئايرىم يوللاردىن باشقا يوللاردا خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ماشىنىسى، قۇرۇلۇش تىرانسپورت ماشىنىسىدىن باشقا يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلدى، يول يۈرۈش ۋاقتى ھەر كۈنى ئالتە سائەتتىن كەم بولمايدۇ، پۈتۈن شەھەردە 24 سائەت ئىچىدە يول يۈرۈش مەنئى قىلىنغان ۋاقىت بۆلىكى ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان ۋاقىت بۆلىكىدە يۈرۈشى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كودى، يول يۈرۈش خېتى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، 6- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى شەھەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كودىدىن جەمئىي 973نى تارقاتتى، بۇنىڭ بىلەن 201 ئاممىنىڭ تور سىرتىدا قاتراپ يول خېتى ئىلتىماس قىلىشى ئازايدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى، قاراماي شەھەرلىرىدە يەتكۈزۈپ بېرىش يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان يول بۆلىكىدە يۈرۈشىگە توغرا كەلسە، يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىگىسى ياكى شوپۇرى «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APPسى ئارقىلىق يۈك ماشىنىلىرىنىڭ يۈرۈشىنى چەكلەش بەلگىلىمىسى، يول يۈرۈش كودىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، ئىشلىتىش قائىدىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە بولىدىكەن ھەم «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APPسى ئارقىلىق شەھەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ماشىنىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كودىنى ئىلتىماس قىلىپ، يازما ماتېرىيال سۇنۇش ۋە قاتراشنى ئازايتالايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى مۇۋاپىق پەيتتە قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «قاتناش باشقۇرۇش 12123» APPسى ئارقىلىق توردا يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق يول يۈرۈش كودىنى ئىلتىماس قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ