تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى 53 مىڭ 100گە يەتتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى قوشۇنى تېز زورايغان، ھازىرغىچە، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى 53 مىڭ 100 كىشىگە يەتكەن.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىسىدىن 15 كىشى تەشۋىقات - مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى ئالدىدا ئاممىغا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ بېرىپ، ئىلمىي چېنىقىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. «ئىلگىرى بەزى چېنىقىش ئۇسۇلۇم ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس ئىدى، بۈگۈن جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى ماڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا قانداق ھەرىكەتنىڭ ماس كېلىدىغانلىقى، قايسى ۋاقىتتا چېنىقىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى، ناھايىتى كۆپ نەپكە ئېرىشتىم» دېدى قەشقەر شەھىرىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر جاۋ شياۋلەن.

  «جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىگە ئىگە، ئۇلار يىل بويى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يېزا - كەنت، مەھەللىلەردە ھەر مىللەت ئاممىغا ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانلىرىنى ئاسرايدۇ، ئۇلار ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدىكى ئاساسىي قوشۇن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى پېڭ سۇجۈي.

   ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى جەمئىيىتى 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئاران 16 مىڭ جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىسى بار ئىدى. پېڭ سۇجۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جەمئىيىتىمىز جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ يېتەكچى مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا توردا ۋە تور سىرتىدا ھەر تەرەپلىمە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ