تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسى»دىن توققۇزغا ۋىۋىسكا تارقىتىپ بېرىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى «ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسى»دىن توققۇزغا ۋىۋىسكا تارقىتىپ بەردى.

  بۇ توققۇز «ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسى» ئايرىم-ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شىنجاڭ ئىبرەت تەربىيەسى مەركىزى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى گېزىت تارىخى سارىيى، شىنجاڭ گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق مۇزېيى، شىنجاڭ تەپتىش تارىخى سارىيى، شىنجاڭ ئائىلە ئىستىلى سارىيى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىخ-مەدەنىيەت سارىيى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال كۆرگەزمىخانىسى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردا «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن دەل ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى قىزىل بايلىقنى قېزىپ، بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. نام بېرىلگەن بۇ پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىلىرى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە مول نەتىجىلىرىنى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جاپالىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياۋ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىلىرىغا مەركەزلىك نام بېرىش بۇ قىزىل تەربىيە بايلىقلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى 2-دەرسخانا قىلىپ، ئەسلىي جاي ئاسارئەتىقىلىرىنى پارتىيە تارىخى «دەرسخانىسى»غا ئايلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخىي ماتېرىياللىرىنى پارتىيە تارىخى «دەرسلىكى»گە ئايلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار، نەمۇنىچىلارنى پارتىيە تارىخى «ئوقۇتقۇچىسى»غا ئايلاندۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىزىل بايلىقتىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشنى مەقسەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى