تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئانارنىڭ دانىسى كۇتۇپخانىسى يېزا-كەنتلەرنىڭ «مەدەنىيەت ئاشلىق ئامبىرى»نى بېيىتتى

ئانار بۇلۇت خەۋىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيە دائىرىسىدە ئانارنىڭ دانىسى كۇتۇپخانىسى قۇرۇپ، ھەرقايسى، يېزا، بازار، كەنت، مەھەللىلەردىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى.

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارسىن يېزىسى ئاقتام كەنتىدىكى ئانارنىڭ دانىسى كۇتۇپخانىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇماقتا، يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تولۇق 3-يىللىقنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ھەم كەنت كادىرلىرى بۇ يەردە ئورتاق ئۆگىنىپ، ئالماشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

 ئانارنىڭ دانىسى كۇتۇپخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇيدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى. ئاقتام كەنتىدىكى كەنت كادىرى توختارگۈل ھەسەن مۇنداق دېدى: «ئانارنىڭ دانىسى كۇتۇپخانىسى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.»

ئاپتور: جاۋ خەيلۇ، خىزمەت ئورنى: توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى