تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«100 يىلغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش . 1-ئىيۇلنى كۈيلەش» باش تېمىسىدىكى مۇزىكا كېچىلىكى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئويۇن نەق مەيدانىدا سىمفونىيە ئوركېستىرى بىلەن خور ئۆمىكى «ئۇزۇن سەپەر چاتما ناخشىلىرى»دىكى «چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈشتىن قالتىس ئەزىمەتلەر يېتىشىپ چىققان» ناملىق نومۇرنى ئورۇنلىماقتا. (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جياڭ شياۋ فوتوسى)

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 21دە، «100 يىلغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش . 1-ئىيۇلنى كۈيلەش» باش تېمىسىدىكى مۇزىكا كېچىلىكى ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسىدا ئورۇنلىنىپ، ياڭراق، جۇشقۇن ناخشا ساداسى بىرلىكتە شانلىق نەتىجە يارىتىشتەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ، ئۇلۇغ پارتىيەگە ئەڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى تەقدىم قىلدى.

  بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) ئۇيۇشتۇرغان.

  ئويۇن نەق مەيدانىدا، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئورۇنلانغان «ئۇزۇن سەپەر چاتما ناخشىلىرى» تاماشىبىنلارنىڭ قەلب دەرۋازىسىنى ئاچتى، بۇنىڭ ئىچىدە «زۇنيى يىغىنى نۇر چاچتى»، «دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش»، «چوڭ ئۇچرىشىش» قاتارلىقلار تاماشىبىنلارنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى قايتا-قايتا ئۇرغۇتتى...

  «ئەسەرنىڭ ئۆزىلا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى، كەسپىي ئۆمەكلەرنىڭ نومۇرلارنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلىشى بىلەن ئەسەرلەر تېخىمۇ رەڭدار، تەسىرلىك چىقىپتۇ. سەنئەت نومۇرىدىن تەربىيە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ھېس قىلدىم» دېدى شەھەر ئاھالىسى سەي مىڭمىڭ.

  ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقى گو ۋېنشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مۇزىكا كېچىلىكىدە «ئۇزۇن سەپەر چاتما ناخشىلىرى» ۋە «خۇاڭخې دەرياسى ئومۇمىي خورى»نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىدىكى 18 نادىر ناخشا ئورۇنلاندى، ئەسەرلەرنىڭ ئورۇنلىنىشى ئارقىلىق كۆپچىلىك ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، پارتىيەنىڭ مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەپ، قاينام-تاشقىنلىق يىللارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، گۈزەل كەلگۈسىگە تەلپۈندى.

  «بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇشتا، ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرى، ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرى خور ئۆمىكى، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەزالىرى ئاۋازى خور ئۆمىكى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر ئايغا يېقىن رېپېتىتسىيە قىلدى.» گو ۋېنشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئويۇندا سىمفونىيە ئورۇنلاش، خور، دېكلاماتسىيە قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى يۇغۇرۇلۇپ، كۆرۈش-ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى ھازىرلاندى. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇلار يەنە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يۈرۈشلۈك ئويۇنلارنى قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ قىزىل نادىر ئەسەرلەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىدىكەن. (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ شۇفاڭ)

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى