تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لۈ چۇنمېي، يۈ يۈنيۈن خەۋەر قىلىدۇ) «بۇ كىچىك قەھرىمان ۋاڭ ئېرشياۋنىڭ ھېكايىسى، ئۇ بالىلار تۇەنىگە قوشۇلۇپ، بىر تەرەپتىن كالا باققاچ، بىر تەرەپتىن 8-ئارمىيەدىكى تاغىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىپ بەردى». 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك 4-يەسلى چوڭ يىللىق 3-سىنىپتىكى گۇەن ۋېنخەن دەرس ئارىلىقىدا بىر تەرەپتىن رەسىملىك كىتاب كۆرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ساۋاقداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئاقسۇ شەھەرلىك 4-يەسلىنىڭ ھەربىر سىنىپىدا قىزىل رەسىملىك كىتاب ئوقۇش بۇلۇڭى تەسىس قىلدى، كىتاب ئوقۇش بۇلۇڭىغا «ۋاڭ ئېرشياۋ» «نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز» «كىچىك قەھرىمان يۈلەي» قاتارلىق قىزىل رەسىملىك كىتابلار تىزىلغانىدى. «رەسىملىك كىتابتا رەسىم ئاساس قىلىنىدۇ، بالىلار رەڭدار رەسىملەرنى〈ئوقۇش〉ئارقىلىق ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىدۇ، قىزىل ھېكايىلەرنى ئوقۇش تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ، بالىلارنىڭ ئوقۇش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن» دېدى بۇ يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن شياۋلى. بۇ يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ قىزىل ھېكايىلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى بالىلار بىلەن بىرلىكتە قىزىل رەسىملىك ھېكايىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى ھەمدە بالىلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەسىراتى ۋە ھاسىلاتلىرىنى سۆزلەشتى.
قىزىل ئۇرۇقنى قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ قەلبىگە چاچقىلى بولىدۇ؟ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، قىزىل رەسىملىك كىتابتىن «ئۈچ تەرەپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، بالىلارمۇ قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.
قىزىل رەسىملىك كىتابتىن «ئۈچ تەرەپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتى بالىلارنى ئاڭلىغان، ئۆگەنگەن قىزىل كىلاسسىك ھېكايىلەرنى رول ئېلىش، ناخشا ئېيتىش، ھېكايە سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يەسلىدىكى بىر سىنىپتىكى كىچىك دوستلىرى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆزلەش، چوڭلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىنى ئاڭلاش، ئۆزئارا سۆزلىشىش ۋە رەسىم سىزىش شەكلى ئارقىلىق تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى ئاستىدا پۈتۈن يەسلىدىكى بالىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. «ئۈچ تەرەپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتى بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلدا ئۇلاردا قىزىل ھېكايىگە نىسبەتەن يېقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى قىزىل رەسىملىك كىتابتىن «ئۈچ تەرەپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش» پائالىيىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بالىلارنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بالىلارنى خۇشال كەيپىياتتا ئىنقىلابىي روھنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلىش ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.