ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭنىڭ «مىليون پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئۆگىنىش دارېنلىرى بەسلىشىش مۇسابىقىسى»نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالتە كوماندا كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسى شەرەپ بىلەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسى شەرەپ بىلەن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسى، قاراماي شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسى شەرەپ بىلەن 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇسابىقىدە ماھىرلار مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئۆزئارا بەسلىشەتتى، مۇسابىقە كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى، ماھىرلارنىڭ مول پارتىيە تارىخى بىلىم زاپىسى، كوللېكتىپ ماسلىشىش ئېڭى ۋە قەيسەر بەسلىشىش روھى تولۇق نامايان قىلىندى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يەن ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە بولغان تەشەببۇسكارلىقىمىز ۋە ئاكتىپلىقىمىز يەنىمۇ ئۇرغۇدى. بىز 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور قىزغىنلىق ۋە غەيرەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىمىز».
ئىگىلىنىشىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى تىيانشان تورى، «ئانار بۇلۇت» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى بىلەن بىرلىشىپ، بۇ يىل 4-ئايدا شىنجاڭ «مىليون پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئۆگىنىش دارېنلىرى بەسلىشىش مۇسابىقىسى» پائالىيىتىنى يولغا قويغان. تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا دەسلەپكى مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا تەكرار مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش قويۇق كەيپىياتىنى ياراتقان، شىنجاڭ تۇپرىقىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەلەش قىزغىن دولقۇنى سىجىل كۆتۈرۈلگەن.