6-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، سالىقجان ئىمىن لوپنۇر ناھىيەسىدىن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، تاڭ ئەمدى يورۇشقا باشلىغانىدى. بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلغان نەچچە ئونمىڭ ئامما جىمجىتلىق ئىلكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.
جىمجىت تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگىلى كەلگەن چۆچەك شەھىرى يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن بىلەن خوتۇنى، ئوغلى ۋە قوشكېزەك نەۋرىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىردىن كىچىك دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدى.
نەۋرىلىرىنىڭ قىزىل گالىستۇك تاقىشىغا ياردەملىشىش، ئۇلارغا كىچىك دۆلەت بايرىقىنى قانداق كۆتۈرۈشنى ئۆگىتىش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگىلى كەلگەن ئاممىغا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن كىچىك دۆلەت بايرىقىنى تارقىتىش... كۈتۈش جەريانىدا، سالىقجان مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى پەسەيتمەكتە ئىدى.
«تاق، تاق، تاق...» سائەت 4تىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، مەزمۇت، كۈچلۈك، رىتىملىق قەدەم ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاپ، مەيداندا ياڭراپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى باشلاندى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چوڭ ئەترىتى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ جەڭچىلىرى دۆلەت بايرىقىنى قوغداپ، تيەنئەنمېننىڭ مەركىزىدىكى ئەگمە دەرۋازىدىن چىقىپ، مەركىزىي ئوق سىزىقنى بويلاپ، جىنشۇي كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
سالىقجان يېنىدا تۇرغان ئىككى نەۋرىسى ساباھىدىن سالاھىدىن، ئالاھىدىن سالاھىدىننىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ جىمجىت كۈتۈپ تۇردى، ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» مېدالى بوش تىترەۋاتاتتى.
«قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار...» سائەت 4تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭراپ، بايراق چىقارغۇچىلار دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدەۋاتاتتى. سالىقجان ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان دۆلەت بايرىقىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى، ساباھىدىن، ئالاھىدىن ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ دۆلەت بايرىقىغا پىيونېرلار سالىمى بەردى.
دۆلەت بايرىقى بايراق خادىسىنىڭ ئۇچىغا چىققاندا، كىشىلەر توپى ئارىسىدا گۈلدۈراس چاۋاك، ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
«جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇ قەدەر ياڭراق. سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنى كۈيلەيمىز، گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقا ماڭىمىز ھەرۋاق...» ھەربىي ئوركېستىرنىڭ نەق مەيداندا ئورۇنلىشىغا ئەگىشىپ، سالىقجان ئائىلىسىدىكىلەر كىچىك دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ ناخشا ئېيتتى. شۇ تاپتا، سالىقجاننىڭ كۆز چاناقلىرى نەمدەلگەنىدى.
«ھاياجانلاندىم، بەك ھاياجانلاندىم. بىز ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەر تۇنجى قېتىم بىرلىكتە بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردۇق» دېدى سالىقجان، «مەن ئۆز ھويلامدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىۋاتقىلى 12 يىل بولدى، مەن بالامنىڭ، نەۋرەمنىڭ بۇ ھېسسىيات، ئېتىقاد، كۈچكە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
«بۈگۈن <1-ئىيۇن> خەلقئارا بالىلار بايرىمى، بوۋام، دادام بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن بوۋامنى ئۈلگە قىلىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەت بايرىقىنى ياخشى قوغدايمەن» دېدى 12 ياشلىق ئالاھىدىن، ئۇلار ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا مۇنەۋۋەر بايراق چىقارغۇچى ۋە بايراق قوغدىغۇچى بولۇش ۋەدىسى بار ئىدى.
سالاھىدىن سالىقجان قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «دادام 12 يىلدىن بۇيان دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىزگە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئىشىنىمەنكى، بىز چوقۇم ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىمىزغا ئېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قان تومۇرىمىزغا چوڭقۇر سىڭدۈرىمىز».