ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 21دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە، 194 نەپەر پارتىيە ئەزاسى ۋە ئادەتتىكى ساياھەتچىلەر لىق ئولتۇرغان Y939 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا قوزغالدى، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولغا قويغان ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە بارىدىغان تۇنجى قېتىملىق قىزىل تەربىيە ساياھەت مەخسۇس پويىزىدۇر. 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 9دا چۆچەككە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، پويىزدىكى يولۇچىلار بىر قېتىملىق قىزىل ساياھەتنى كۈتۈۋالدى.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 21دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر قىزىل تەربىيە ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، چۆچەك يۆنىلىشىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى)
بۇ نۆۋەتلىك قىزىل تەربىيە ساياھەت مەخسۇس پويىزى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قىزىل مەدەنىيەت تەربىيەسى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. مەخسۇس پويىز كارخانىدىكى پارتىيە ئەزالىرى توپى ۋە ئادەتتىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆمەككە قاتنىشىپ، تۆت كىشلىك ئايرىمخانا ۋاگونىغا ئولتۇرۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ سۈن لۇڭجېن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش كۆرگەزمىخانىسى، سۈن لۇڭجېن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قىزىل تەربىيە بازىسى ۋە كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى قاتارلىق قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. مەخسۇس پويىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە، «چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، ۋاقىتقا بۆلۈش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە تەدبىرلىرىنى مەخسۇس پويىزنىڭ ساياھەت پۈتۈن زەنجىر ھالقىسىغا كىرگۈزدى.
قىزىل تەربىيە ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى پارتىيە ئەزالىرى كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى)
شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لىن ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىزىل تەربىيە ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى پىلانلاش ۋە تەشكىللەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئەسلەپ، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش»نى باش تېما قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدە قىزىل تەربىيە پائالىيىتى مەھسۇلاتىدىن يەتتىنى لايىھەلىدى، پويىزنى چوڭ قاتناشنىڭ سەپەرگە چىقىش شەكلى قىلىپ، ئىككى كېچە بىر كۈندۈزلۈك سەپەر ئورۇنلاشتۇردى، يەنى، بىرىنچى كۈنى كەچتە مەخسۇس پويىز بىلەن يولغا چىقىپ، ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن كۈن ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شۇ كۈنى كەچتە مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتىپ، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىغان بولۇپ، يولغا چىقىش يۆنىلىشى ئاساسلىقى كۆكتوقاي، شىخەنزە، چۆچەك، ئاقسۇ قاتارلىق جايلار.
ساياھەتچىلەر سۈن لۇڭجېن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى)
تۇنجى نۆۋەتلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يەنە بازار ۋە ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈرلۈك ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويىدۇ. 6-ئايدا، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىكتە «ۋەنخې» ناملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇپ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ئىستراتېگىيەلىك سۈپەتلىك ماركىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» يارقىن نام كارتىسىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.