تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «قىزىل بازا»غا ئايلاندى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ) «بالىلار، بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ تۇشمۇتۇشتىن ئۇرۇش قىلىپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي...» 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، قاراماي شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان كادىر، پىدائىي چۈشەندۈرگۈچى چېڭ جىنفېڭنىڭ جانلىق بايانى قاراماي شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 35 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى ئاشۇ قاينام-تاشقىنلىق ئۆتمۈش ئىچىگە ئېلىپ كىردى.

قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى (مۇزېي) «پېشقەدەملەردىن ئۆتمۈشتىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاش» سوتسىيالىستىك تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بالىلار پېشقەدەم كىشى سۆزلىگەن ئۆتمۈشتىكى ھېكايىلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا. سۈرەتنى قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى (مۇزېي) تەمىنلىگەن

  شۇ كۈنى، قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى (مۇزېي) خەلقئارا مۇزېي كۈنى (5-ئاينىڭ 18-كۈنى) يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلىدى، «بىز‹پېشقەدەملەردىن ئۆتمۈشتىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاش›، پىدائىي چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ھەم تۇنجى دەرس، نېفىت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى لېكسىيەسى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز» دېدى قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى (مۇزېي)نىڭ خىزمەتچى خادىمى لى نا تونۇشتۇرۇپ.

  خەلقئارا مۇزېي كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار مۇزېي پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، روشەن قىزىل باش تېما مەزمۇنى ئارقىلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى، مۇزېي ھەرقايسى ئورۇنلار، ئاممىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى چوقۇم بارىدىغان «قىزىق جاي»ىغا ئايلاندى.

  «خەلقئارا مۇزېي كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بىز 8-ئارمىيەنىڭ ۋۇخەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىي جاي خاتىرە سارىيىدىن جاۋ يىمەن، جى خۇڭچاڭ قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قىزىل سالام خېتىنى كىرگۈزۈپ،‹پولاتتەك جىسمى چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ساداقەتمەنلىك روھىنى تاۋلاش ـــــ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە يېزىلغان سالام خەت› تور كۆرگەزمىسى ۋە ‹100 يىللىق مۇساپىنى ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەسلىي مەقسەت توغرىسىدا ئورتاقلىشىش› مەخسۇس سەھىپىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، تور سىرتىدا بولسا ‹گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى› مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ۋە ‹شىنجاڭنىڭ تۆت تارىخى› سەييارە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدۇق، پائالىيەتكە قاتناشقانلار جەمئىي 5000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەلىك مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى لى يۈەنجياۋ.

خەلقئارا مۇزېي كۈنى مەزگىلىدە، كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت مۇزېيى «8-ئارمىيە باش ئىشتابى تەيخاڭدا» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. سۈرەتنى كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت مۇزېيى تەمىنلىگەن

كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت مۇزېيى ئۆتكۈزگەن «8-ئارمىيە باش ئىشتابى تەيخاڭدا» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ھەر كۈنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى. سۈرەتنى كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت مۇزېيى تەمىنلىگەن

  كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت مۇزېيىغا كىرگەندە، «8-ئارمىيە باش ئىشتابى تەيخاڭدا» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان 200 نەچچە پارچە سۈرەتتە 8-ئارمىيەنىڭ دۈشمەنگە قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغانلىقىدەك جەڭ مەيدانى كۆرۈنۈشى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ شانلىق ئوبرازى ۋە ئىنقىلابىي روھى مەدھىيەلىنىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى.

  ئېكسكۇرسىيەدىن كېيىن، كورلا شەھەرلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شياڭ جۇڭجېڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز 8-ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، خەلقچىل، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئۇلۇغ تەيخاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».

  «بۇ كۆرگەزمە ئىلگىرى گۇاڭجوۋ، نەنچاڭ، داليەن، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىنىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، بۇ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى جانلىق دەرسلىك.» كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى لىن شۆپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە كورلا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت مۇزېيى بىلەن 8-ئارمىيە تەيخاڭ خاتىرە سارىيىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆرگەزمە باشلانغاندىن بۇيان ئېكسكۇرسىيەچىلەر سانى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ