تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش  ئەمەلىي ئىش قىلىش  يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش] باركۆل: ئاياللار لېكسىيە ئۆمىكى ئاساسىي قاتلامغا كىردى، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار شيا شياۋلى، نۇربولات خەۋەر قىلىدۇ): 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 15 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 130دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بۇ ناھىيەنىڭ ئاياللار يەتتە رەڭ لېكسىيە ئۆمىكى قانات يايدۇرغان «قىزىل قەلب پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ، پەن-مائارىپ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش» 8-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەن-تېخنىكا مودېلى تەربىيەسى مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  «شىنچېڭفېڭ ناملىق» ئايرودىنامىكىلىق كۈچ كارتېرى قۇراشتۇرما مودېلى، «نەنخۇ كۆلى قىزىل كېمىسى» قەغەزنى قاتلاپ چاپلاپ ياسىغان ئەمەلىي گەۋدە مودېلى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنىڭ ئىجادىي قۇرۇلۇش مودېلى قاتارلىقلار ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مودېلغا بىرلەشتۈرۈپ بالىلارغا بىر مەيدان جانلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى ئۆتتى، مودېل ياساشتىكى بىلىملەر ۋە مودېلنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر ئوقۇغۇچىلارنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى.

  «ئوقۇتقۇچىلار مودېل ياساشتىن باشلاپ سۆزلەپ، ماڭا نۇرغۇن بىلىم ئۆگەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن قىزىل ھېكايىنى بىلىۋالدىم، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قىزىل روھقا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن» دېدى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئۆمىرتاي كەنجەقان پەخىرلەنگەن ھالدا.

  «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈلدى، 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى داخې بازىرىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە ئاياللار يەتتە رەڭ لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.

  ئاياللار يەتتە رەڭ لېكسىيە ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىزىل رەڭلىك پېشقەدەملەر لېكسىيە ئۆمىكى، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مائارىپ لېكسىيە ئۆمىكى، سېرىق رەڭلىك مەدەنىيەت-ساياھەت لېكسىيە ئۆمىكى، يېشىل رەڭلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا لېكسىيە ئۆمىكى، يېشىل كۆك رەڭلىك يېڭى دەۋر ياشلار، ئۆسمۈرلەر لېكسىيە ئۆمىكى، كۆك رەڭلىك قانۇن-نىزام لېكسىيە ئۆمىكى، سۆسۈن رەڭلىك سەھىيە-ساغلاملىق لېكسىيە ئۆمىكى قاتارلىقلار بولۇپ، باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى قويۇش قاتارلىق جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن ھەقىقىي ئورۇن ئالدۇردى.

  ئاياللار يەتتە رەڭ لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى باركۆلدىكى ھەرقايسى يېزا، بازار، مەيدان، رايونلاردا ئېتۇت، نۇتۇق، كۇەيبەن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخى، دۆلەت ئەھۋالىنى تەشۋىق قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ياخشى سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال خەلق تۇرمۇشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  ھازىرغا قەدەر، ئاياللار يەتتە رەڭ لېكسىيە ئۆمىكى 30 نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، ئاڭلىغان ئامما 2000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى