تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن «مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن · <مىليونلىغان> ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش» لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

  بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شۈ تۇڭتۇڭ خەۋىرى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىڭتۇەن تەشكىللىگەن «مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن · <مىليونلىغان> ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش» پائالىيىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى.

  «مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن · <مىليونلىغان> ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش» پائالىيىتىدە بىڭتۇەن 100 ياش لېكتوردىن ئۆمەك تەشكىللەپ، 1000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيە تارىخى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، لېكتورلار ئۆمىكىدىكى ھەربىر ئەزا 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئون مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ۋە ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا، ئوبيېكتقا ئايرىش، قاراتمىلىق ھالدا لېكسىيە سۆزلەش قانات يايدۇرۇلىدۇ. بىڭتۇەن ياش لېكتورلار ئۆمىكى ئەزالىرى تۇەن-مەيدانلارغا، ليەندۈي، مەكتەپ، كارخانا، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە پارتىيە تارىخى بويىچە يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەيدۇ، چۈشەندۈرىدۇ؛ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تور سىنى، توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەردىن كەڭ پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە قويۇق كەيپىيات يارىتىدۇ.

  بىڭتۇەن ياش لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىڭتۇەندىكى كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى ۋە نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش تارىخىي تۆھپىسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى