تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش】«قىزىل كىچىك ھويلا»نىڭ ئەسلىي مەقسەت ھېكايىسى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ قىزىلنۇر كەنتىدىكى «قىزىل كىچىك ھويلا»غا ھەر كۈنى نۇرغۇن ئامما ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلدى. دەۋر تامغىسى بېسىلغان قىزىل بۇيۇملار ۋە كونا بۇيۇملار كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  «قىزىل كىچىك ھويلا»نىڭ ئىگىسى 67 ياشلىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي غوپۇر قاسىم ئىدى. ئۇ 16 يېشىدا شەرەپ بىلەن ھەربىيلىككە قاتناشقان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا قەھرىمانلارچە يارىلىنىپ، ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن؛ ئارمىيەدىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇرت-ماكانىنى گۈللەندۈرگەن؛ ئۇ ئۆز ھويلىسىنى «قىزىل كىچىك ھويلا» قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئاممىنى يېتەكلەپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىدەك جانلىق ئەمەلىيەتنى بايان قىلدى.

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى قىزىلنۇر كەنتىگە كېلىپ، تۈز ۋە تەكشى كەنت يولىنى بويلاپ مېڭىپ، يىراقتىن بىر سېرىق تاملىق قورۇنى كۆردۈم، مانا بۇ غوپۇرنىڭ «قىزىل كىچىك ھويلا»سى ئىدى. ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرسەم، غوپۇر ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ھويلىدىكى كونا بۇيۇملارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى بۈگۈنكىدەك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. مېنىڭ پارتىيەگە ئىنتايىن چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار.» غوپۇر ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.

  1970-يىلى 12-ئايدا غوپۇر ھەربىيلىككە قاتناشتى، قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ ھەربىي ماھارىتى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، كۆپ قېتىم قارىغا ئېتىش ماھىرى، «بەشتە ياخشى جەڭچى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. «بىر قېتىم تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، سەپداشلىرىم بىلەن قاردا يەتتە كۈن يوشۇرۇنۇپ، بېلىمگە ئوق تېگىپ يارىلاندىم، ھازىرمۇ ئىزى بار». غوپۇر ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1974-يىلى 6-ئايدا، ئۇ ئارمىيەدىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتىپ، كەنت كادىرى بولدى. يېشى 50تىن ئاشقاندا، ئۇ يەنە ياغاچچىلىق، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، بىر جۈپ چېۋەر قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

  2016-يىلى پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە تايىنىپ، غوپۇر ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يەنە ھويلىسىدا قوي، توخۇ باقتى، ئانار، نەشپۈت ۋە ئۆرۈك دەرىخى تىكىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى مەنىلىك ئۆتكۈزدى.

  «مەن ھويلامنى <قىزىل كىچىك ھويلا> قىلىپ ئۆزگەرتتىم، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ تەربىيە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدى غوپۇر.

  «قىزىل كىچىك ھويلا»دا ماۋجۇشىنىڭ بىر پارچە سۈرىتى، داتلىشىپ كەتكەن بىر نەچچە مېدال، كىرسىن چىراغ، رادىيو قاتارلىق كونا بۇيۇملار تارىخنى ئۈنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى، ھەربىر كونا بۇيۇمنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى غوپۇر تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرەلەيتتى.

  «قىزىل كىچىك ھويلا»نى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، قىزىلنۇر كەنتى، لوپنۇر ناھىيەسى، ھەتتا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئوقۇغۇچىلارنى ئېكسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە كېلىشكە جەلپ قىلدى. غوپۇر ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ياش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

  «غوپۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ھازىر ئۆگىنىش ئارقىلىق باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق تېخنىكام ئۆستى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا بولغان ئىشەنچىم ئاشتى» دېدى قىزىلنۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەمەت قۇربان.

  2015-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، غوپۇر لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پۇقرا تەشۋىقاتچى بولدى، ئۇ ئارگىنالغا قارىماي لېكسىيە سۆزلىيەلەپلا قالماي، يەنە ھاياجان بىلەن ئۆزىنىڭ ھېكايىسىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىرلىك سۆزلىيەلەيدۇ. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، «قىزىل كىچىك ھويلا»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى، غوپۇر تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ھازىر تېنىم يەنىلا ساغلام، يۇرتداشلار ياقتۇرۇپ ئاڭلىسىلا، مەن سۆزلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى غوپۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى