تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ ئائىلىنىڭ قىزىل يىغىپ ساقلاش سارىيى ئاۋات «مەنزىرە نۇقتىسى»غا ئايلاندى

[شىنجاڭ ياخشى جاي]

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ خەييەن

ئۈرۈمچى شەھىرىدە قىزىل ھەربىي بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەل ئىچى يىغىپ ساقلىغۇچى بار. يېقىندا، ئۇ قۇرغان ئائىلە قىزىل يىغىپ ساقلاش سارىيى ئاۋات «مەنزىرە نۇقتىسى»غا ئايلاندى، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى، نۇرغۇن كىشى ئېكسكۇرسىيەگە بارىدۇ.

ئۇنىڭ ئىسمى شىن جىچياڭ، ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى نېفىت ـ خىمىيە كوچا باشقارمىسى چاۋياڭ مەھەللىسىدە، ئۆزى بولسا جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت ـ خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئۆيىدە بالىخانىدىكى كۆرگەزمە ئىشكاپىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان ھەر خىل قىزىل بۇيۇملارنى كۆردى.

يىغىپ ساقلاش سارىيى ئەمەلىيەتتە ئولتۇراق ئۆينىڭ بالىخانىسى بولۇپ، يېرىمى كۆرگەزمە زالىغا ئۆزگەرتىلگەن، كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇم 3000دىن ئاشىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ھەربىيلەرنىڭ سۇدىنى، ئايىغى، شەپكىسى قاتارلىق ھەربىي بۇيۇملار ئىدى.

«يىغىپ ساقلىغان بۇ بۇيۇملارنى مەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئەكەلگەن، ئادەتتە توردىن ئىزدەيمەن، ياخشى ساقلاش قىممىتى بار بۇيۇملارنى ئۇچراتسام، شۇ جايغا بېرىپ سېتىۋالىمەن» دېدى شىن جىچياڭ.

كۆرگەزمە ئىشكاپىغا قويۇلغان ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان 65 تىپلىق بىر يۈرۈش سۇدان شىن جىچياڭ ئەڭ قەدىرلەيدىغان يىغىپ ساقلاش بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. «بۇ سۇدانلار قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىلدىن ئىبارەت تۆت خىل رەڭدە بولۇپ، بازاردا قىزىل ۋە سېرىق رەڭدىكى سۇدانلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، مەن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئاران يىغقان» دېدى شىن جىچياڭ.

دەل شۇنداق بولغاچقا، شىن جىچياڭنى يىغىپ ساقلىغۇچى دوستلىرى ئۇنى «سۇدان شاھى» دەپ ئاتىشىدۇ.

شىن جىچياڭنىڭ يىغىپ ساقلاش قىزغىنلىقى بوۋىسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان. 1943-يىلى، شىن جىچياڭنىڭ بوۋىسى شىن شىگۇي ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان، شىئەن، لەنجوۋ قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان.

كىچىكىدىن تارتىپلا، شىن جىچياڭ بوۋىسى ئېيتىپ بېرىدىغان ئۇرۇش يىللىرىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى، بوۋىسىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ شەپكىسى، كەمىرى ۋە شەرەپ ئوردېنى شىن جىچياڭنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىگە ئايلانغانىدى.

بوۋىسىنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى شىن جىچياڭنىڭ قەلبىگە «قىزىل» ئۇرۇق سېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇنىڭ قىزىل گېن بار ھەربىي بۇيۇملارغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى. شىن جىچياڭ 14 يېشىدىن باشلاپلا ساقلاش قىممىتى بار ھەربىي بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاشقا باشلىغان.

«بۇ 50 تىپلىق ھەربىي سانائەت گۈرجىكىنى 1995-يىلى يىغقان، بۇ مەن تۇنجى بولۇپ ساقلىغان بۇيۇم». شىن جىچياڭ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن ھەربىي سانائەت گۈرجىكىنى ناھايىتى ئاۋايلاپ سۈرتتى.

2018-يىلى شىن جىچياڭ قۇرغان ئائىلە قىزىل يىغىپ ساقلاش سارىيى تەۋەلىكتىكى مەھەللە تەرىپىدىن «قىزىل مائارىپ ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىن جىچياڭنىڭ ئائىلە قىزىل يىغىپ ساقلاش سارىيى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلدى.

«مەن بوۋامنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ساقلاش قىممىتى بار قىزىل بۇيۇملارنىڭ تارىخىي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن» دېدى شىن جىچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى