تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يول تورى گىرەلىشىپ، تەرەققىيات «سۈرئىتى تېزلىتىلدى»

 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى قالىنا نۇسقاۋ كىچىك ئېكسكۇرسىيەچىگە ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ زېمىننىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر سانجى شەھىرىدىكى دۇشى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئوينىماقتا.

 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، بىر ساياھەتچى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) يەنخۇ مۇلازىمەت رايونىدا VR تەسۋىرىي سۈرىتىنى سىنىماقتا.

  لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈر يول لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) بۆلىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋنچىڭ رايونىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. (4-ئاينىڭ 29-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  «يېشىللىققا پۈركەندى سۇ مول بولغاچ كەنتىمىز، كۆچتۇق يېڭى ئۆيلەرگە پارلاق گۈزەل ئەتىمىز.» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ قوشىقى دەل سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرى شىسەنخۇ كەنتىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. 2017-يىلى بۇ كەنت «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كەنت بازار» بولۇپ باھالانغان. (5-ئاينىڭ 3-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)

 ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى 2011-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلۇشقا تەستىقلانغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش قاتارلىق سۇلۇق يەرنى قوغداش ھەرىكىتى ئارقىلىق، نۆۋەتتە باغچىنىڭ كۆلىمى 170 مىڭ موغا يەتتى. (5-ئاينىڭ 3-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدىكى يەنخۇ مەنزىرە رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش. (4-ئاينىڭ 29-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

​[يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش. 2-قىسىم]

ئانار بۇلۇت╲شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى

ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30)نى بويلاپ غەربكە قاراپ ماڭغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 70-80 كىلومېتىر يىراقلىقتا كەڭ كەتكەن بىر كۆل كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ، كۆل يۈزى تىپتىنچ، ئەينەكتەك بولۇپ، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتنىڭ ئەكسى جىلۋىلىنىپ، تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل كۆرۈنىدۇ، مانا بۇ «پەلەك ئەينىكى» دەپ نام ئالغان يەنخۇ مەنزىرە رايونى، يەنە بىر تەرەپتە «كىرىستال تۇز»نى باش تېما شەكلى قىلغان يەنخۇ مۇلازىمەت رايونى يەنە بىر گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىپ تۇراتتى.

يول تورى ھەر تەرەپكە تۇتىشىپ، ئۈرۈمچىنى ئەتراپتىكى شەھەرلەر بىلەن زىچ باغلاپ، سودا، يېمەك- ئىچمەك، مال ئوبوروتى، ساياھەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سانجى شەھىرى «ئۈرۈمچى دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ «چەمبىرەكتىكى دوست»ى ئىدى. بۇ قېتىمقى «1-ماي»دىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سانجىغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ، بايراملىق دەم ئېلىشنى خۇشال ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، شۇ جاي مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G30) لىنىيەسى بويىدىكى مۇھىتى گۈزەل بولغان ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، كۆلچەكتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۇلۇق يەر كۆلىمىنى ئون يىل ئىلگىرىكى 90 مىڭ مودىن 170 مىڭ موغا كۆپەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدى، سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن سۇلۇق يەر باغچىسى تېخىمۇ كۆپلىگەن پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىپ، كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

گۈزەل مەنزىرە شەھەر قىياپىتىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، يوللارنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى شەھەرلەر ئارا ئارىلىقنى قىسقارتتى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەر چەمبىرىكىدە بىر سائەتلىك قاتناش تورى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، سانجى، ۋۇجياچۈ، فۇكاڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باشقا ناھىيەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. «نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىش»تىن «لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇپ تور ھاسىل قىلىش»قىچە، تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان قاتناش تورى ئۈرۈمچى شەھەر چەمبىرىكى بەرپا قىلىشنى تور تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىياتنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلىتىش»كە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى