تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«ئۈرۈمچى ناملىق» قىزىل ساياھەتنىڭ 100 كۈن 100 ئۆمەك پائالىيىتى باشلاندى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۆلمەيدۇ، ئىنقىلابىي روھ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.» 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى فەن شياۋلى قولىغا قەلەم ئېلىپ سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە تەسىراتىنى قالدۇردى.

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى ناملىق» قىزىل ساياھەتنىڭ 100 كۈن 100 ئۆمەك پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، تۇنجى يولغا چىققان ئۆمەكتە جەمئىي 40 ئادەم بار ئىدى. شۇ كۈندىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان 100 كۈندە، «ئۈرۈمچى ناملىق» قىزىل رەڭلىك ئاپتوبۇس ھەر كۈنى بىر نۆۋەت قاتناپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى مەركىزىي شەھەردىكى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئاپىرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «ئۈرۈمچى ناملىق» قىزىل ساياھەت پائالىيىتىدە «100 يىللىق ئارزۇغا ئىنتىلىش جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» قىزىل ساياھەت تونۇشتۇرۇش لىنىيەسىدىن جەمئىي ئۈچى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «ئۇزۇن سەپەر روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇش ساياھىتى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش ساياھىتى، مەركىزىي شەھەردىكى 100 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش ساياھىتىدىن ئىبارەت ئىكەن. لىنىيەلەر ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، يىپەك يولى ئىستىراھەت رايونى، خۇڭسەن باغچىسى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىدا، 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى چى گۇيلەننىڭ نەزەرى تامدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا توختاپ قالغانىدى، ئۇ كۆرگەچ مۇنداق دېدى: «غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلابىي روھى، كۈرەش قىلىش روھى، قىزىل ئارمىيە روھى، ئۇزۇن سەپەر روھىنى نامايان قىلىپ، بىزگە ئېتىقادنىڭ يېتەكچىلىكى، ئۈلگىنىڭ چاقىرىقى، روھىي ئوزۇقنى قالدۇردى.»

  شىنجاڭ غەربىي رايون خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مالى مۇنداق دېدى: ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ لىنىيە قوللانمىسىغا ئېرىشىدۇ، ھەر بىر مەنزىرە رايونىغا بارغاندا يەنە داكا قىلىپ تامغا باستۇرالايدۇ.

  «<ئۈرۈمچى ناملىق> قىزىل ساياھەت 100 كۈن 100 ئۆمەك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مەدەنىيەت-ساياھەت سىستېمىسىنىڭ قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. قىزىل ئەسلىي جايغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى قايتا ئەسلەش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشقا، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ ئىدارە باشلىقى جۇ شىنرۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ