تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ، كۈرەش قىلغۇچىلار

كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىدىن ھۇزۇرلىنىش قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى (ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ خۇڭ، شيا شياۋلى، دۇ ياجۈەن، لياۋ يەن، جاڭ جۈەن خەۋەر قىلىدۇ): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل كىلاسسىك ئوقۇشلۇقلارنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، بازارلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كىتاب ئوقۇشتىن ھەمبەھرىلىنىش يىغىلىشى، كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  4-ئاينىڭ 18-كۈنى، شايار ناھىيەلىك كۇتۇپخانىنىڭ قايلور بازىرى تارماق كۇتۇپخانىسىدا، كىتاب ئوقۇغىلى كەلگەن ئاممىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. قىزىل كىلاسسىك ئوقۇشلۇقلار مەخسۇس رايونىدا، قايلور بازىرى ئاقدۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غالىپ غوپۇر خېلى ئۇزاق تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇدى، «مەن ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن، «چەكسىز ئورمان قارلىق دالا»نى ئوقۇپ بولاي دېدىم، مەن يەنە داۋاملىق بەزى قىزىل كىلاسسىك كىتابلارنى ئوقۇيمەن. ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ماڭا ھەر ۋاقىت شۇنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ: تەستە قولغا كەلگەن تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز كېرەك، ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك» دېدى غالىپ غوپۇر.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شايار ناھىيەسى كۇتۇپخانا، شەھەر كىتاب ئوقۇش ئۆيى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى، كىتاب سېتىش دۇكانلىرى قاتارلىقلاردا «قىزىل كىتاب» مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىشى، ئۆگىنىشى، سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قىزىل ھېكايە»لەرنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئوقۇپ بېرىش، «قىزىل كىتاب»لارنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى كىتابتىن بىلىم ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  4-ئاينىڭ 16-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك كۇتۇپخانا خۇايۈەن يېزىسىنىڭ خۇاجاڭزا كەنتى ۋە تۇداۋخې كەنتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «100 يىللىق مۇساپىنى ئوقۇپ، مەنىۋى كۈچ يەتكۈزۈش» ۋە «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قىزىل كىلاسسىك كىتابلارنى يەتكۈزۈش، ئۆگىتىش» بويىچە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ۋە پارتىيە ئەزاسى بۇنىڭغا قاتناشتى. پائالىيەتتە، پارتىيە تارىخى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق كىچىك ئويۇن قاتارلىقلار ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «ھەرىكەتكە كەلتۈردى» «جانلاندۇردى».

  ئىگىلىنىشىچە، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يەنە «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان باركۆل − گۈزەل ئەسەرلەردىن ھەمبەھرىلىنىش كىتاب ئوقۇش يىغىلىشى»، كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى، كىلاسسىك كىتاب ئوقۇش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش جەريانىدا كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار «تىيانشان كىتاب ئوقۇش ئېيى»غا بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئېتىقاد تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئاممىنىڭ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، قاغىلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيەت نەق مەيدانىدا، 100پارچىگە يېقىن قىزىل كىلاسسىك، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، قانۇن-نىزام كىتابلىرى ۋە دېھقان رەسساملارنىڭ 30 پارچە مۇنەۋۋەر ئەسىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئوقۇشى، كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن تىزىلدى. قىزىل كىتابلار، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسى كىتابلىرى شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، نەق مەيدان قويۇق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولدى.

  بارىن يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلا مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «بۇنداق پائالىيەتلەر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن، بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، بىلىمىمىزنى بېيىتىدىكەن، دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش كەيپىياتىنى يارىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەدىكى كۇتۇپخانا ئىچىدە قىزىل كىلاسسىك كىتابلارنى ئوقۇش-پىكىر ئالماشتۇرۇش رايونى تەسىس قىلىپ، نادىر كىتاب ۋە ياخشى سۆز، ياخشى جۈملە، ياخشى بۆلەكلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  ھەر مىللەت ئاممىنى كىتاب ئوقۇش جەريانىدا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، بىلىمىنى ئاشۇرۇش، خاراكتېرىنى تاۋلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نىيە ناھىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن بىر يىللىق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ ناھىيەدىكى كۇتۇپخانا ۋە شىنخۇا كىتابخانىسى 4-ئاينىڭ بېشىدا ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، بازارلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چۆرىدەپ، كەڭ ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى