تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: «پارتىيە تارىخى ئوقۇشلۇقى مەخسۇس رايونى» شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

   4-ئاينىڭ 19-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە رايونىدا كىتاب ئوقۇماقتا. (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ فوتوسى)​

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ) بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. ئۈرۈمچى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى، ھەرقايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرى، زوبيەن يۇۋبيەن كىتابخانىسى، شەھەرلىك كۇتۇپخانا قاتارلىق شەھەردىكى كىتاب ئوقۇش بوشلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئوقۇشلۇقى مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  4-ئاينىڭ 19-كۈنى، دوستلۇق يولىدىكى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى نەشر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» كۆرگەزمە رايونىدا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى سېتىۋېلىش، ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە دائىر كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا كەلگەن شەھەر ئاھالىسى چېن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، قايتا ئەسلەش ئىنتايىن زۆرۈر، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيە بېسىپ ئۆتكەن 100 يىللىق يولنى ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز.»

  شەھەرلىك 70-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر كىتابخانىدا، تىجارەتچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدىغان پارتىيە تارىخى تۈرىدىكى كىتابلارنى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا تىزدى. چىڭقى چۈش ۋاقتىدا، ئوقۇغۇچىلار پات-پات كېلىپ كىتاب سېتىۋالدى. «دۇكىنىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، <ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە يېزىلغان پارتىيە تارىخى> دېگەن بۇ كىتاب ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى»دېدى دۇكاندىكى خىزمەتچى خادىم.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «قىزىل كىتاب بۇلۇڭى»تەسىس قىلدى.

  ​ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى باش تېمىسىدىكى كىتاب بۇلۇڭىنى تەسىس قىلدۇق، بارلىق خىزمەتچىلەر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، كىتاب ئوقۇشتىن بەھرىلىنىش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى