تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت مىكرو» پائالىيىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى جانلاندۇردى

قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى سەنپىڭ تەۋەلىك رايونى مائارىپ سىستېمىسى:

«تۆت مىكرو» پائالىيىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى جانلاندۇردى

   شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو يۈئې، ليۇ شىچۈن خەۋەر قىلىدۇ): «بىزنىڭ بۈگۈنكى ھەرىكىتىمىز جۇڭگونىڭ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ بېشارىتى!» 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدىكى «ئاۋاز بېرىش نەق مەيدانى» قىزىل يىللار نەق مەيدانىدا، قاراماي شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چيەن ۋېيجۈن «پارتىيە قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشى»غا ئاۋاز بېرىپ، 30دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، قىزىل كىلاسسىك كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئەسەرلىرىنىڭ كۈچىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

   «مىكرو بەھرىلەش» قاراماي شەھىرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى سەنپىڭ تەۋەلىك رايونى مائارىپ سىستېمىسى قانات يايدۇرغان «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتە مەن ئالدىدا ماڭىمەن» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىدىكى بىر تۈرلۈك مەزمۇن.

   بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، سەنپىڭ تەۋەلىك رايونى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر مىكرو دېكلاماتسىيە قىلىش، مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو ھېكايە، مىكرو بەھرىلەشتىن ئىبارەت «تۆت مىكرو» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەشنى دائىملىق تۇتۇش، كۈندىلىك ئۆگىنىشكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئۆزگىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىدى.

   بۇنىڭدىن باشقا، سەنپىڭ تەۋەلىك رايونى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر يەنە قىزىل ئىزلارنى ئىزدەش، نېفىت شەھىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سېلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. «سۇ كەمچىل بولۇش، قەھرىتان سوغۇق ۋە ماددىي ئەشيا كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 1955-يىلى، قاراماي تۇنجى نېفىت قۇدۇقىنى قېزىپ چىقىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىكنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى» «بۇ قارامايدا ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراماي شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش...» قاراماي شەھەرلىك پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، كۆپچىلىك قاراماينىڭ قۇرۇلۇش تارىخى، ئىگىلىك تىكلەش تەرەققىيات تارىخى ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى ھەربىر پارچە سۈرەت، ئۆزىنى قۇربان قىلىش ھەققىدىكى ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات، پارتىيە ئەزالىرى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تەپەككۇر قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم نېفىتلىك قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قورقماس روھىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

   «ئىلگىرىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق بۈگۈنكى كۈندە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن زامانىۋى نېفىت يېڭى شەھىرىگە ئايلاندى، ئۇ پېشقەدەم نېفىتلىك قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ يۈرەك قېنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مەن <ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش>نىڭ دەۋر ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، پارتىيە ئەزاسى ليۇ شياۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇش، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

   سەنپىڭ تەۋەلىك رايونى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر قىزىل تەربىيە بايلىقىغا تولۇق تايىنىپ، «كىچىكلەر چوڭلارنىڭ قولىنى تۇتۇش . پارتىيە تارىخىنى ئورتاق ئۆگىنىش» باش تېمىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسى، دەرستىن بۇرۇنقى ئۈچ مىنۇتلۇق مىكرو پارتىيە تارىخى، بەش مىنۇتلۇق كىچىك تەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى ئۆگىنىشكە، پارتىيە تارىخىنى بىلىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، 100 يىللىق تارىخىي مۇساپىدىن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى