تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ئېتىز - ئېرىقلارنى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇردى

  تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

  مەن ھازىر بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئويماق بازىرى توقىمتى كەنتىدە تۇرۇۋاتىمەن. ئارقامدىكىسى توخۇڭتەي سۇ ئامبىرى. توخۇڭتەي سۇ ئامبىرىنىڭ يەنە بىر شېئىرىي مەنىگە باي ئىسمى− «بۇلۇت سۇ قىرغىقى».

  باش باھاردا، سۇ ئامبىرىدىكى قار ـ مۇزلار ئاستا ـ ئاستا ئېرىشكە باشلىدى، يېرىلغان مۇز پارچىلىرى چايقالغانچە قىرغاققا بېرىپ، بىر يەرگە دۆۋىلىنىپ، گۈزەل «دەريا ئېچىش» مەنزىرىسى شەكىللەنگەنىدى؛ سۇ ئامبىرىغا يىراق بولمىغان جايدا، ئاق تاملىق، قىزىل ئۆگزىلىك ئۆيلەر گىرەلىشىپ، يېڭى، كۆركەم سەھرا مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى...

  توقىمتى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يەر تېرىشقىلا تايانغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. «يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلغاندىن بۇيان، كەنتنىڭ نامى چىقتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىمۇ تومپايدى!

  توقىمتى كەنتىدە سەيلە قىلغاندا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى نۇرغۇن دېھقان ئۆيلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. قىزىل ئارمىيە بېلىقچىلار ئارامگاھىغا كىرگەندە، لاۋبەن ۋاڭ شىنخې ئۈستەل ـ ئورۇندۇقلارنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھېلىلا بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى ئۇزىتىپ قويدۇم، يەنە بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر ھازىرلا كېلىدۇ.»

  ۋاڭ شىنخې كەنتتىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ، بېلىقچىلار ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپ، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، بۇ يەردە ھەمىشە بىرەر ئۈستەل ئېلىشمۇ تەسكە توختايدۇ. ھازىر، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  باش باھار مەزگىلى بولسىمۇ، ۋاڭ شىنخې ئەر ـ خوتۇن ئاللىقاچان ئۆيى ئالدىدىكى كۆكتاتلىقنى ئاغدۇرۇپ تەييار قىلغان بولۇپ، يېڭىدىن سېتىۋېلىپ كەلگەن كۆكتات مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكىشنى ساقلاۋاتاتتى.

  توقىمتى كەنتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ئېكولوگىيە بايلىقى بولۇپ، ئامال قىلىپ بۇ ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىش، ئۇنى ياخشى قوغداش كۆپ يىللاردىن بۇيان شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئىدى. 2014 ـ يىلىدىن بۇيان، ناھىيەدىكىلەرنىڭ قوللىشىدا، توقىمتى كەنتى گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتتى، مەدەنىيەت مەيدانى ياسىدى، يول چىرىغى ئورناتتى، يوللارنى قاتتىقلاشتۇردى ...

  كەنت مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئوينىغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلىرىمۇ كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە ئۈزۈش باغچىسى، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىر توقىمتى كەنتىدە جەمئىي ئالتە بېلىقچىلىق ئارامگاھى، 130 مودىن ئارتۇق يەردە مېۋە ئۈزۈش باغچىسى بار بولۇپ، 150تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

  بۇلاردىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت يەنە بۇرچىن ناھىيەسىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغىچە بولغان لىنىيە بويىغا جايلاشقانلىقتەك رايون ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى، تۇپراق ئالاھىدىلىكىدىن پائال پايدىلىنىپ، قوغۇن تېرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى كىرگۈزۈش، تېرىش، ئوراش ـ قاچىلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان مېۋە ـ چېۋە كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  2017 ـ يىلى، كەنت قاناس مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاشيول بويىغا 30 يايما ئورنى بار بازار قۇردى. قوغۇن پىشىدىغان پەسىل يېتىپ كەلگەندە، شىجۇمى، دۇڭخۇگۇا، خۇاڭدەنزى، خۇڭشىنسۈي قاتارلىق قوغۇن سورتلىرى يايما ئورنىغا تىزىلىدۇ، ئۆتكەن ـ كەچكەن ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىپ بەس ـ بەستە تاللاپ سېتىۋالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، توقىمتى كەنتى قوغۇن تېرىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستىراھەت، مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقى ۋە يېشىل كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش يولىنى تېپىپ چىقتى، 2020 ـ يىلى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 112 مىڭ يۈەنگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 17 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى