تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

17 يىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئاتۇشنىڭ يېشىللىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى

«گىياھ ئۈنمەيدىغان يەر»دىن «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»غىچە

17 يىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئاتۇشنىڭ يېشىللىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى

ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىغا نەزەر (4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

[ئىستون سۆزى]

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە بۈگۈندىن باشلاپ «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئىستونى ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىدە خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ۋاسىتە قىلىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ شانلىق كۈرەش مۇساپىسىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئىستونىدا بۇ يىل يەنە ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، قاراماي-تارباغاتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار باش تېمىلىق خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر قاپلىنىپ، قىزىل ئىزنالار، تەرەققىيات يارقىن نۇقتىلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر تۇتاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەريانلاردىكى دەۋر ئامىللىرى سىڭدۈرۈلۈپ، سەپەر داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر خاتىرىلىنىدۇ، نامايان قىلىنىدۇ.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىنى بويلاپ، ئاتۇش شەھىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىغا كەلگەندە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يەرنىڭ ھەممىسى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. قۇم-شېغىللىق، قۇرغاق، ئۈنۈمسىز «گىياھ ئۈنمەيدىغان يەر»دىن «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»غىچە، 17 يىللىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئاتۇشنىڭ يېشىللىقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

«<قاقاس تاغدا ئوت-چۆپ ئۈنمەيدۇ، شامال تاشنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ>. ئەتىياز پەسلىدە قۇم - بوران كۆپ چىقىدۇ، يامغۇر ياغقاندا كەلكۈن يولنى بويلاپ شەھەرگە بېسىپ كىرىدۇ.» ئاتۇش شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ 48 ياشلىق ئىشخانا مۇدىرى ئەنۋەر تاش ئىلگىرىكى ناچار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى شۇنداق تەسۋىرلىدى.

«ئەتىياز ۋە كۈزدە يەر-جاھاننى قۇم-بوران قاپلاش، قىشتا چاڭ - توزان شامالغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈلۈش» ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 2004-يىلىدىن باشلاپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاتۇش شەھىرى ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 211 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «دەرەخ - چاتقال - ئوت - چۆپنى بىرلەشتۈرۈش، دەرەخ بىلەن مېۋىلىك دەرەخنى قۇر ئارىلاپ تېرىش» چارىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىمالىي تاغ، جەنۇبىي تاغ ئېكولوگىيەنى تۈزەش تەۋەلىك رايونى قۇرۇپ، 38 مىڭ 500 مو يەردە ئورمان بىنا قىلدى.

نۇرغۇن «ئورمان بىنا قىلىش ئاۋانگارتلىرى»نىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەنۋەر ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىدىكى چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتەك ئېكولوگىيەلىك مۆجىزىگە گۇۋاھ بولدى.

«ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى شالاڭ ھەم تارقاق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز.» ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەقىقىي ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

2004-يىلىدىن باشلاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ، شىمالىي تاغنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. 2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە جەمئىي 19 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 6500 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىپ 380 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكتى؛ 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە جەمئىي 56 مىليون 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىمالىي تاغنى كۆكەرتىپ قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 18 مىڭ مو يەردە ئورمان بىنا قىلىپ 764 مىڭ 700 تۈپ كۆچەت تىكتى. 2017-يىلى، ئاتۇش شەھىرى جەنۇبىي تاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 71 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 7500 مو يەردە ئورمان بىنا قىلىپ 164 مىڭ 400 تۈپ كۆچەت تىكتى.

«بىر تۈپ دەرەخنى پەرۋىش قىلىش بىر بالىنى بېقىشتىنمۇ تەس» بولغان بۇ جايدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما 17 يىل داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈكتىكى تاغ باغرىنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ «ئارقا گۈللۈكى» ۋە «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»سىغا ئايلاندۇردى.

ئاتۇش شەھىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىنىڭ شىمالىي تاغ كۆكەرتىش بازىسىدا جىگدە، چىنار، ياڭاق قاتارلىق دەرەخلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، مەدىنە جۈمەخۇن كۆچەتلەرنى ئوغۇتلاش، چاتاشتىن ئىبارەت بىر كۈنلۈك خىزمىتىنىڭ يېرىمىنى تۈگىتىپ بولغانىدى.

مەدىنە ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى شورلۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇ بىر ئېكولوگىيەلىك ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدى. «ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغىنىمغا ئۈچ يىلدىن ئاشتى، ئۆزۈم كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغان دەل - دەرەخلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئۆسۈپ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.» مەدىنە پەخىرلەنگەنلىكىنى يوشۇرالمىدى.

ئاتۇش شەھىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى ئېكولوگىيەلىك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، يول ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ئۈچ باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش پونكىتى تەسىس قىلىپ، مەدىنەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 359 كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

نۆۋەتتە، ئاتۇش شەھىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %95كە يېتىپ، ئېكولوگىيە ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جەنۇبىي تاغ كۆكەرتىش بازىسىدا تىكىلگەن شاپتۇل دەرىخى، چىلان دەرىخى، ياڭاق دەرەخلىرى مېۋە بەردى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئەلا سۈپەتلىك باغ - ئورمانچىلىق يېڭى سورتلىرىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئەنۋەر.

□ مۇخبىر خاتىرىسى

ئۈمىدنى تېرىش   بەختكە ئېرىشىش

□ رايىدە

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. شۇ كۈنى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلەكتىكى باش تېمىلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى كۈنى ئىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئاتۇش شەھىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى، ئاتۇش شەھىرىدىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ زىيارەت قىلدى.

تۈپتۈز، تەكشى تاشيول، رەتلىك، بىردەك بولغان بەلگە-سىزىقلار، باشتىن-ئاخىر توسالغۇسىز بولغان يوللار كىشىنىڭ روھىنى كۆتۈرەتتى.

ئاتۇش شەھىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى شىمالىي تاغ باغچىسىدا مەن 58 ياشلىق ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئەركىن قۇرباننى ئۇچراتتىم. ئەركىن ئىزچىل ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسىنىڭ شورلۇق كەنتىدە ياشاپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدىكى، كىچىك چاغلىرىدا ئاتۇش شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي تاغ باغرى ناھايىتى قاقاس ئىدى، بولۇپمۇ يامغۇر كۆپ ياغقان چاغلاردا يامغۇر سۈيى قۇم-شېغىللارنى شەھەر رايونىغا ئېقىتىپ كېلەتتى.

بۇ ئىلگىرى «گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان يەر» بۈگۈنكى كۈندە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «ئارقا گۈللۈكى»گە ئايلاندى. كۆچەت تىكىپ يېشىللىق بەرپا قىلىشقا قاتناشقان نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدى. كەلگۈسىدە شىمالىي تاغ باغرىدا يەنە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى داۋاملىق تەڭشىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى مېۋىلىك دەرەخلەر تىكىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن قوش ھوسۇل ئېلىنىدۇ. ئەركىننىڭ چېھرىدە ئۈمىدكە تولغان تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

ئاتۇش شەھىرىدىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىكى 46 ياشلىق ناۋاي ئۇستام باقى جېلىل ۋەلى ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىنىڭ يېڭىباغ كەنتىدە ئولتۇرىدۇ، ئىلگىرى ئازراق تېرىلغۇ يېرىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، ناۋاي ئۇستامغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلەمگە ھازىر ئىككى توكسىكلىت سېتىۋالدىم، بېقىۋاتقان قويلىرىممۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئائىلەمدە ئۈچ ئايدا ئاران بىر قوي يېيەلەيتتۇق، ھازىر ھەر ئايدا قوي سويۇپ يېيەلەيمىز... تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىدى.

تىرىشقاننىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. مەيلى ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلغان ئورمان مۇھاپىزەتچىسى ئەركىن بولسۇن ياكى نان يېقىش تېخنىكىسىنى جاپالىق ئۆگەنگەن ناۋاي ئۇستام باقى جېلىل بولسۇن، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئۈمىد ئۇرۇقىنى چېچىشتىن ئۇرۇق بىخلىنىشقىچە، ئاندىن شاخلىنىپ يوپۇرماق چىقىرىشتىن مول مېۋە بېرىشكىچە بولغان جەريان ئېلىپ كەلگەن بەختكە ئېرىشتى. بۇ خىل بەخت ھەم پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، ھەم ھەربىر كىشىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن كەلگەن. پەقەت ھەربىر كىشىنىڭ قەلبى ئىللىپ، ھەرىكەتكە كەلسىلا، ئەمگەكچان ئىككى قولى ۋە قەيسەر ئىرادىسىگە تايانسىلا، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ئاپتوموبىلىمىز يەنە بىر قېتىم ئاتۇش شەھىرىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسىدىن ئۆتتى. يىراقتىكى كۆكىرىشكە باشلىغان تاغ باغرىغا قاراپ، بىردىنلا بۇ «گىياھ ئۈنمەيدىغان يەر»نىڭ شەھەرنىڭ يېشىل توسۇقىغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ، دەل كۆچەتلەردە ياشاش ئىستىكى بولسىلا، ناھايىتى ئېغىر قورام تاشنىمۇ يېرىپ ئۆسەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بىز ھەربىرىمىز تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن قانداقمۇ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەي تۇرالايمىز؟

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى