تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى كارتا تارقاتقان بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلىدى

   تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما بېي): بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى دەرھال بېجىرىش، تېزلا ئېلىش بىردەك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، پەقەت ئون مىنۇتتىلا بىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بېجىرگىلى بولىدۇ.

   ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ تۈرلۈك كەسىپلىرىنى بېجىرگىلى بولىدىغان ھەمكارلىق بانكا تىجارەت تور نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىسى جەمئىي 1031گە يېتىپ، كارتا تارقاتقان بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلىدى.

   ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى بېجىرىدىغان كەسىپلەردىن: ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، قوزغىتىش(ئىشلىتىشكە باشلاش)، يىتكەنلىكنى مەلۇم قىلىش ۋە يىتكەنلىكنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىكار قىلىش، تولۇقلاپ ئېلىش، ئالماشتۇرۇپ ئېلىش، ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش، كارتا ھالىتىنى تەكشۈرۈش، كارتا ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرى بار.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، داۋالىنىش-دورا سېتىۋېلىش، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە ماسلىشىپ قوللىنىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ھەمكارلىق بانكىسىدىن 11ى بىلەن بىرلىشىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى (پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى)نىڭ مۇلازىمەت قائىدىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنىڭ بېجىرىش مۇلازىمەت تەلىپى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنىڭ كەسىپ بېجىرىش قائىدىسى، ھوقۇق دائىرىسىنى باشقۇرۇش-ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە باھالاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

    بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇ يىل 3-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون ئۈچ ئايلىق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پەسلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئاممىۋى ساھەدە ماسلىشىپ قوللىنىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى، يەنە ھەمكارلىق بانكىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سىناق نۇقتىلىرىدا شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ھالقىپ كارتا تارقىتىش، تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇش، قوزغىتىش، يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق كەسىپلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىشقا ئاشقان قوللىنىشچان مۇلازىمىتى 100 تۈردىن ئېشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلىدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى تەكشۈرۈش، ئىشسىزلىق پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش قاتارلىق 40 تۈرلۈك كەسىپنى يان تېلېفوندا بىۋاسىتە بېجىرگىلى بولىدۇ. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمەت پەسلى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىغا پوچتا ئارقىلىق تارقاتقان كارتا جەمئىي 700 پارچىگە يېقىن بولدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە قىلىنغان مۇلازىمەت 1400 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

   ناۋادا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنىڭ كونكرېت ئادرېسىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت تېلېفونى 12333گە تېلېفون قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتىگە چىقىپ، «شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» يان تېلېفون APPسىنى چۈشۈرۈش ياكى «ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ.

   سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ھەرىكىتى قولايسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىغا بارالمىسا، ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تارقىتىش، قوزغىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى