ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى
ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتىمىز
[تەھرىر ئىزاھاتى]
2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» ناملىق ئىستون ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم روھى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە تىپىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى، ئىنكاسى ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتىمىز.
3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شايار ناھىيەسى شايار بازىرى شياڭياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى راخمان ئوسمان ئائىلىسىدە، شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ ئۈلگە كۆرسىتىش كىچىك ئەگمە پارنىكى ياساۋاتاتتى. ئەمگەك ئارىلىقىدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى جاڭ چىڭفېڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتناشقان پارتىيەلىك كادىرلارغا جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب تارىخىدىكى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى.
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ خىزمەت ئەترىتى كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ماسلىشىپ «پارتىيە تارىخى مىكرو پارتىيە دەرسى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە تارىخىغا ئائىت ھېكايىلەر، پارتىيە تارىخىغا ئائىت ئېقىم مەسىلىلىرى، پارتىيە تارىخىغا ئائىت ۋەقەلەر، پارتىيە تارىخىغا ئائىت تەسىراتلارنى سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مۇقىم ئۆگىنىش نۇقتىسىنى ھويلىلارغىچە، ئېتىز باشلىرىغىچە ئۇزارتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى كېرەم ئوسمان مۇنداق دېدى: «مىكرو پارتىيە دەرسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».
3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى دۆڭقىشلاق كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى تاڭ لياڭ تەپسىلىي ۋە ئېنىق تارىخىي پاكىتلار، جانلىق ھېكايىلەردىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى ئەسلىدى. «پارتىيە تارىخىنى ئەسلەش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، تارىخنى ئەسلەش داۋامىدا بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى تارماق كۈچلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى گو پېيمىڭ.
پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن بىريۈرۈش قىزىل بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە، «كەنتتىكى ئۆزگىرىش نېمە ئۈچۈن بۇنداق زور» «كوممۇنىستىك پارتىيە نېمە ئۈچۈن خەلققە بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ» تېمىسىدىكى چوڭ مۇنازىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتتى.
3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى قارادۆڭ كەنتى كەنت كومىتېتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، لېكسىيە سۆزلىگۈچى پارتىيە تارىخىنى ئېيتىشىش شەكلى ئارقىلىق سۆزلىدى، تۆۋەندە ئولتۇرغان ئامما ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى. «دومبىرا چېلىپ سۆزلەنگەن لېكسىيەسىنى بىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايمىز، لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ناخشىنى ياخشى ئېيتىدۇ، ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى قاپاس كاكاشا.
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قارادۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دومبىراچىلار شۆبە ئەترىتى، پۇقرا تەشۋىقاتچىلار، بېيىش باشلامچىلىرى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، 15 مەخسۇس تەشۋىقات ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاقىنلار ئېيتىشىشى شەكلىدە «ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»، بارماق ئۇچى پارتىيە دەرسى شەكلىدە «قوشۇمچە ئۆگىنىش»، «ئۆگىنىش»نى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن دېھقان - چارۋىچىلارغا لېكسىيە سۆزلىدى.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق پارتىيە تارىخى باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان تارىخ، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز كېرەك...» 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، خوشۇت ناھىيەسىنىڭ تېۋىلغا بازىرى لوڭجۈ مەھەللىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ھەربىي ۋاڭ چۈەنفۇ ئۆز ئۆيىدە خوشۇت ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن ئۆزىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى قىسقىچە ئوقۇشلۇقى»نى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى ھەم ئۆزىنىڭ پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسەت ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
لۇڭجۈ مەھەللىسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «بىر يىغىن تۈزۈمى بويىچە 1 - شۇجى يېتەكلەپ ئوقۇش» «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى سەھەردە ئوقۇش» «مەھەللە كادىرلىرى توردا ئوقۇش» پائالىيىتى ۋە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى بۇلۇت تەربىيەسى» «مەركەزلىك ئۆگىنىش مۇتەخەسسىسلەر سۆھبىتى» «ئىككى ئادەم مۇنازىرىلىشىپ پەرقلەرنى تېپىش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ شەكلىنى بېيىتىپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەھەردە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ جىڭ بازىرى كاڭنىڭ مەھەللىسىدە، جىڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كاڭنىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، كۆپچىلىككە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش مەزمۇنىنى ئوقۇپ بەردى. بۇ خىزمەت ئەترىتى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، پارتىيە دەرسى سۆزلەش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، ئەتىگەنلىك ئۆگىنىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، كاڭنىڭ مەھەللىسىدىكى «قىزىل تەربىيە كۆرگەزمىخانىسى»غا تايىنىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلىنىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى ھەم بارلىق پارتىيە ئەزالىرىدىن ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەتكە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
«1921 - يىلى جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى ئۈمىد ۋە غايىگە تولغان كىچىك قولۋاق تارىخنىڭ يىراق تەرىپىدىن ئاستا - ئاستا بىزگە قاراپ ئۈزۈپ كەلدى...» 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش باش تېما قىلىنغان «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ چورىن قازاق يېزىسى چورىن كەنتى مەركىزىي مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ساۋاقداشلار سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ چورىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەكېلىپ بەرگەن پارتىيە تارىخى «كىچىك كارتا»سىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى خۇاڭ يۈلىڭ «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى»غا ئايلىنىپ، بالىلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئوقۇپ ئۆگەندى.
چورىن كەنتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تورنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشكە تايىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «بۇلۇت تېرمىنالى» ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. خىزمەت ئەترىتى ئۆگىنىش كىچىك كارتىسى ياساپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشىنى كاللىغا، قەلبلەرگە سىڭدۈردى. پارتىيە تارىخىغا ئائىت ھېكايىلەر «يانچۇق كىتابى»دىكى كىچىك ھېكايىلەردىن پارتىيە تارىخىنى كۆرۈش شەكلى ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئات ئۈستىدىكى ياخشى ئاۋاز، كىگىز ئۆيدىكى كىچىك كاناي، كاڭدا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى «زاغرا» تىلدا چىن ھېسسىياتى بىلەن يەتكۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.
(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن دېڭ لىجۈەن، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ۋېنبو، بورتالا مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لو ياڭشۆ، شى شۆخۇڭ، جاۋ يۇڭشيا)