تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نىڭ تۈزۈم ئۇل تېشىنى پۇختىلايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئاۋازغا قويۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم خاراكتېرىدىكى يېڭى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىندى. بۇ شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ شياڭگاڭنىڭ قانۇن ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان يەنە بىر مۇھىم، زور تەدبىرى بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شياڭگاڭدىكى «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، دۆلەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىدا ئېنىق بېكىتىلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دېموكراتىك تەرتىپتە تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى جەزمەن كۆرۈش كېرەككى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ شياڭگاڭدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلغان ئۇنسۇرلار ۋە «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى سايلامدىن پايدىلىنىپ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئىدارە قىلىش رامكىسىغا كىرىپ، تەپتارتماستىن مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ شياڭگاڭدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ يۈرۈشۈشىنى بار كۈچى بىلەن پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلدى، ھەتتا تاشقى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سايلامنى كونترول قىلىش ئارقىلىق باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. بۇ قىلمىش ۋە پائالىيەتلەر شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپى ۋە قانۇنچىللىق تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئاساسىي قانۇنغا، شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنىڭ نوپۇزىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلدى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شياڭگاڭدىكى كەڭ ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، بۇنىڭغا جەزمەن قەتئىي قارشى تۇرۇش ھەم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش كېرەك.

كىچىك ئەقىل ئىشنى ئىدارە قىلىدۇ، چوڭ ئەقىل تۈزۈمنى ئىدارە قىلىدۇ. شياڭگاڭدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سايلام تۈزۈمى مېخانىزمىدا روشەن يوچۇق ۋە كەمتۈكلۈك ساقلىنىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپى تېخى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشمىدى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» مۇقىم ۋەزىيىتى تېخى ھەقىقىي شەكىللەنمىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «قارارى» يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار، شياڭگاڭنى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ شياڭگاڭدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلغانلارنى قوغلاپ چىقىرىش»نى تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈپ، تۈزۈم مېخانىزمى جەھەتتە ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپ ۋە خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.

«شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» بولسا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى. 1984 - يىلى 6 - ئايدىلا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىشنىڭ چەك - چېگراسى ۋە ئۆلچىمى بار، ئۇ بولسىمۇ شياڭگاڭنى جەزمەن ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۇنياغا نەزەر سالساق، مەيلى قايسى دۆلەتتە بولسۇن، ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولۇشنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمىتى سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلار جەزمەن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي سىياسىي ئېتىكا. شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ پىرىنسىپ. پەقەت «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئاندىن ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بېكىتىلگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ، شياڭگاڭ ئاندىن ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ.

ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا، ھوقۇق مەركەزدە. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ 31 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «دۆلەت زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىدۇ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا يولغا قويۇلىدىغان تۈزۈملەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ قانۇن بويىچە بەلگىلەيدۇ.» سايلام تۈزۈمى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەركەزنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالاقىدار سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان قانۇنىيلىققا، مۇۋاپىقلىققا، زۆرۈرلۈككە ئىگە. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ھەر قېتىملىق مۇھىم، زور سايلام تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشلەرنىڭ ھەممىسى مەركەزنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەلگە ئاشتى. بۇ قېتىم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە «<بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم> <شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش>، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش» «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش» «شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىش» «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» مۇھىم پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنغان بولۇپ، مۇقەررەركى شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شياڭگاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى دېموكراتىك سايلام تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

«شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»نى يولغا قويۇشتا، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا چىڭ تۇرغاندىلا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى ئاندىن ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرغىلى، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ تارىخنىڭ چوڭقۇر ئىلھامى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى چوقۇم «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈمى رامكىسى ئىچىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن يولىدا تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى چوقۇم ئۈنۈملۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە بولىدۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئۇلۇغ ئىشلىرى جەزمەن يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى