ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.
2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قومۇل شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ تىنچ، گۈزەل، بەختلىك ئالتاي قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.
2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاۋ يۈۋېي، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، جاڭ خۇيجياڭ، ئالتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن خۇ جۈنشيۇ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋېن بو، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ جيەنلياڭ)