چوڭ ئىشلار خاتىرىسى ②
1934-يىلى
9-ئاي پارتىيەنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋادىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا خەت ئەۋەتىپ، «سىچۇەن-شەنشى سوۋېت رايونى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرۇش»نى تەلەپ قىلىپ، بۇ «جۇڭگو ئىنقىلابىدا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت» دەپ قارىدى.
[كېڭەيتىپ ئوقۇش]
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىدىن شەنشى-گەنسۇ-سىچۇەندىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلار رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىچۇەن-شەنشى سوۋېت رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «سىچۇەن-شەنشى سوۋېت رايونى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرۇش»نى تەلەپ قىلىپ، بۇ «جۇڭگو ئىنقىلابىدا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە خىزمەت» دەپ قارىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، خەلقئارا يولنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەۋرەنمەس ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىغا ئايلاندى.
يۈ شيۇسۇڭ
1935-يىلى
5-ئاي سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۈ شيۇسۇڭ ۋەكىللىكىدىكى نەچچە تۈركۈم ئەزاسى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ئىلغار سىياسىي پىروگراممىسى «ئالتە چوڭ سىياسەت»نى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش تەشۋىقاتى ۋە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
6-ئاي جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قىزىل 4-يۆنىلىش ئارمىيەسى رەھبىرىگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، مۇۋاپىق مەزگىلدە يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى تەشكىللەپ، شىنجاڭغا ھەربىي يۈرۈش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
8-ئاي كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال 7-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»(يەنى «1-ئاۋغۇست خىتابنامىسى»)نى تۈزۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
[كېڭەيتىپ ئوقۇش]
شېڭ شىسەي شىنجاڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىردەك قاراشتا بولدى، شۇڭا تېلېگرامما ئەۋەتىپ «1-ئاۋغۇست خىتابنامىسى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ بىرلىك سەپ ئورنىتىشىنىڭ سىياسىي ئاساسى.
1936-يىلى
6-ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى دېڭ فانى شىنجاڭ ئارقىلىق موسكۋاغا ئەۋەتىپ، پارتىيە بىلەن شېڭ شىسەينىڭ ئالاقىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇتاشتۇردى.
11-ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى تەشكىللەپ، غەربتە خېشى كارىدورىغا يۈرۈش قىلىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارىدىغان خەلقئارا قاتناش لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن يۈن قاتارلىق بەش كىشىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا بېرىپ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش - كۈتۈۋېلىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە ئەۋەتتى.
1937-يىلى
4-ئاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە، چېن يۈن بىلەن تېڭ دەييۈەن دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)غا يېتىپ كېلىپ، پارتىيە بىلەن شېڭ شىسەينىڭ بىرلىك سېپىنى رەسمىي قۇرۇپ، غەربكە يۈرۈش قىلىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىدىغان قالدۇق قىسمىنى قۇتقۇزدى. چېن يۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تۇنجى ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلەندى.
5-ئاي چېن يۈن، تېڭ دەييۈەن شىنجاڭ شىڭشىڭشياغا يېتىپ كېلىپ، لى شيەننيەن باشلاپ ماڭغان غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرىنى كۈتۈۋالدى. چېن يۈن، تېڭ دەييۈەننىڭ يېتەكلىشى بىلەن، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى سول تارماق ئەترىتىنىڭ قالدۇق قىسمىدىكى 400دىن ئارتۇق كىشى دىخۇاغا يېتىپ كېلىپ، سىرتقا قارىتا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى» دەپ ئاتالدى.
غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە سارىيىدىكى چېن يۈن بىلەن لى شيەننيەننىڭ شىڭشىڭشيادا ئۇچرىشىش ھەيكىلى
7-ئاي لۇگۇچياۋ ۋەقەسى پارتلاپ، ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى.
9-ئاي گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئىككىنچى قېتىم ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپىنى قۇردى.
10-ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جوۋ شياۋجوۋنى 8-ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ ۋەكىلىلىك سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭغا ئەۋەتتى. شېڭ شىسەي بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق، 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنى تەسىس قىلدى، تېڭ دەييۈەن 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى، قىزىل قاتناش لىنىيەسى ئېچىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم كادىرلىرى بىردەك مۇشۇ يەر ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يەنئەن ئارىلىقىدا بېرىپ-كېلىپ تۇردى.
ئۈرۈمچى «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»نىڭ كونا ئورنى.
شۇ ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېن يۈن، تېڭ دەييۈەننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، دىخۇا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»نىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرىنى شىنجاڭدا ئالاھىدە ھەربىي تېخنىكا ئۆگىنىشكە قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن