ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى
ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئورگىنىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي قانۇن ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى پۈتۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە سىياسىي قانۇن خىزمىتى ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشكە تەشكىللەش، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق بەش تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئورگىنىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.