تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشى <يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا - ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق>تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلىدى، شەكىللەندۈردى.» مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەر ئۈستىدىن قەتئىي غالىب كېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك!

قىيىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ماددىي كۈچ سىنىشىش، شۇنداقلا مەنىۋى تىركىشىش. نامراتلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى بۇ جاھىل كېسەل ئالدىدا، پارتىيە ۋە خەلق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاماملاپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسىنى يارىتىپلا قالماي، بەلكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلىدى، شەكىللەندۈردى. بۇ مەيدان داغدۇغىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلق ئۇرۇشىدا، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نەچچە مىليون كادىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات ئامما بىلەن ئۇلار ئويلىغاننى تەڭ ئويلىدى، بىللە ئۆتتى، بىللە ئىشلىدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەڭ ئامما جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ بەختلىك تۇرمۇش ياراتتى؛ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر نامرات ئاممىغا كۆيۈنۈپ، نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى جانلىق نامايان قىلدى. تەيخاڭشەن تېغىنى 35 يىل چىڭ ساقلىغان «يېڭى يۈ گۇڭ» − لى باۋگو، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، چوڭ تاغدىكى قىزنىڭ ئۈمىدىنى ياندۇرغان جاڭ گۇيمېي، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق «سۇ ئۆتەلمىسە، جېنىمنى تىكىمەن» دېگەن قەسىمىنى نەقلەشتۈرگەن خۇاڭ دافا، يۇرتىغا قايتىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋر ياشلىق ناخشىسىنى پۈتكەن خۇاڭ ۋېنشيۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، بارلىقىنى بېغىشلىغان خۇاڭ شىيەن... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىس - تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، سانسىزلىغان كىشى يۈرەك قېنى ۋە تەرىنى تاغ - دەريالارغا، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شەرھلىدى. 1800دىن ئارتۇق يولداشنىڭ ھاياتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە ئاخىرلاشتى، ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە قوشقان تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئۇنتۇپ قالمايدۇ! جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

ئادەمدە روھ بولمىسا روناق تاپالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق ئىرادە، ئورتاق ھەرىكەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى تاماملاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا - ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى مېغىزلىق يىغىنچاقلىشى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىشتىكى روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كۈچ مەنبەسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى - ئاساسىي مەقسىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى - پەزىلىتى، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنىڭ تولۇق نامايەندىسى بولۇپ، ئۇلۇغ مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى داۋاملاشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى.» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى يېڭى مەنىۋى ئابىدە تىكلەپ، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشتىكى مۇھىم مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ.

بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ساقلاپ تۇرۇپ ئېرىشكىلى، سوۋغا قىلىپ يەتكۈزگىلى بولمايدۇ، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا - ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى بىلەن، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرگەندىلا، بىز ئاندىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ شانلىق يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئوخشاش مۇشۇنداق تېخىمۇ كۆپ چوڭ ئىش، قىيىن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى