تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىسى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى!

2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشىدە تاۋلىنىپ شەكىللەنگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جاسارىتى ۋە غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغاتتى.

جۇڭگو تارىخى دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇشنى چوڭقۇر ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىن كېيىن، نامراتلىق قاباھەتلىك چۈشى جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ ھارماي - تالماي ئىزدىنىدىغان ئارزۇسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇردى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە نامراتلار سانىنى ئازايتىش يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان چاغدا، 1 مىليارد نەچچە 100 مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىمىز، بۇ پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. «ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكتە مۇھىمى يۇرتداشلارغا قاراش كېرەك، مۇھىمى نامرات يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان - قۇتۇلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ داغدۇغىلىق خەلق ئۇرۇشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. سەككىز يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قار - شىۋىرغانغا، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، پاتقاق كېچىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى 50 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن 14 ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ چىقتى؛ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. خەلق داھىيسى باشتىن - ئاخىر نامرات ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، باشتىن - ئاخىر يۇرتداشلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلاپ كەلدى، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نەچچە مىليون كادىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىدى، جاپاغا چىداپ ئىشلىدى، ئەمەلىي ئىشلىدى، يۈز مىليونلىغان خەلق بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ھەربىر ئەڭ نامراتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلنى يەڭدى. مەيلى قار بىلەن قاپلانغان ئېگىزلىك، چۆل - باياۋان بولسۇن، ياكى تىك قىيالار، قورام تاش، تاغلىق رايون بولسۇن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇياش نۇرى ھەربىر بۇلۇڭغىچە يورۇتتى، سانسىزلىغان كىشىنىڭ تەقدىرى بۇنىڭ بىلەن ئۆزگەردى، سانسىزلىغان كىشىنىڭ ئارزۇسى بۇنىڭ بىلەن ئىشقا ئاشتى، سانسىزلىغان كىشىنىڭ بەختى بۇنىڭ بىلەن يارىتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايوننىڭ ھەممىسىدە تاغلىق يېزىلار غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، تاغ - دەريالار گۈزەللىككە تولغان دەۋر كارتىنىسى نامايان بولدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىم سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ھەممىسى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق تۆھپە قوشتى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ قەدەم ئېلىپ يېتىشىۋالدى، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، ئومۇمىي قىياپەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، مېڭىسى تېخىمۇ سەگەكلەشتى، روھىي كەيپىياتى تېخىمۇ ئاشتى، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشەنچى، جاسارىتى ئاشتى؛ پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى قىزغىنلىق بىلەن بۇرچقا ئاتلىنىپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، كەڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى يۈرەك قېنى ۋە جاپالىق ئەجرىنى زېمىنغا، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە سەرپ قىلدى، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى؛ نامراتلار سانىنى ئازايتىش بويىچە تىزگىنلەشنىڭ جۇڭگو نۇسخىسى يارىتىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلار سانىنى ئازايتىش نىشانى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىشلىرىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى جۇڭخۇا مىللىتىگە نىسبەتەن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىشقا تامامەن بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تامامەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

بىز كۇرمىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنە تاغلاردىن ئېشىشىمىزغا، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىسەك، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى