تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىسى»

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدىن خاتىرە

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، پېڭ فېي   شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، زوۋ ۋېي

تارىخ بۇ كۈننى ھامان ئەستە ساقلايدۇ.

بۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ھارماي - تالماي ئىزدىنىپ كەلگەن كۈن. جۇڭگو تارىخى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر.

بۇ، مەيلى قارلىق ئېگىزلىكتە، چۆل - باياۋاندا ياكى تىك قىيالار ئارىسىدا، تاغلىق رايونلاردا ياشاۋاتقان يۇرتداشلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك كۈن. 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بىپايان زېمىندىكى ھەربىر كىشى بۇ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى، قەلەم تەۋرەتكۈچىسى.

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەردىكى تەنتەنىلىك جاكارلىشى مىڭلىغان تاغ - دەريالاردا جاراڭلىدى:

«پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى!»

ئىش باشلىنىشىدا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ھامان تەسلىشىپ كېتىدۇ.

2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى.

1978 - يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 40 نەچچە يىل ئۆتتى؛

1949 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 70 نەچچە يىل ئۆتتى؛

1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 100 يىل ئۆتتى.

1000 يىللىق ئارزۇ، 100 يىللىق كۈرەش، ئارزۇغا يەتكەن كۈن.

سەھەردە، بېيجىڭنىڭ ئىللىق باھار شامىلىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر خەلق سارىيىغا كىردى، ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ھايات يولىنى ئۆزگەرتتى، ئۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن نامرات يۇرتداشلارنىڭمۇ تەقدىرى ئۆزگەردى.

بۈگۈن دۆلەت نامىدىن ئۇلارغا ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، ئۇلۇغ دەۋرىمىزگە ۋە ئۇلۇغ خەلقىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.

«بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ»

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا يەككە ئېرىشكۈچىلەر ۋە مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىغا جەم بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەزمۇت قەدەم بىلەن كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

باش شۇجى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ يىغىن مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇننىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەدىمىنى توختاتماستىن، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، يەنە بىر تەرەپكە بېرىپ قول ئىشارىسى قىلىپ كۆپچىلىكتىن ئەھۋال سورىدى.

«باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» نۇرغۇن ۋەكىللەر قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىملىق ھالدا: «جاپا چەكتىڭلار!» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

مىڭلىغان جاپا - مۇشەققەت، كۈرمىڭلىغان خەۋپ - خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان بۇ جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى.

تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا نەزەر سالغاندا بۈگۈنكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ.

«ئاھلىرىمغا قوشۇلۇپ ئاقتى يېشىم توختىماستىن سەل بولۇپ، ئاۋام خەلق چەكتى جاپا ھەسرەتلەندىم ئازابقا تولۇپ» «ئەلنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك» «ئائىلىدە ھەربىر كىشىنى باياشات قىلىشتا ھەرقانداق بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەر تېگىشلىك ئورنىدا تۇرۇشى كېرەك» ... نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىدە، نۇرغۇن ئارزۇ - ئىستەكلەر بولدى، نۇرغۇن غايە - ئۈمىدلەر بولدى.

«پومېشچىكلارغا زەربە بېرىش، يەر تەقسىم قىلىش» «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاسارەت بىلەن ئىشلەش، دۆلەتنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش» ... نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 100 يىللىق قىزىل مۇساپىدە، نۇرغۇن كۈرەشلەر بولدى، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلىك يوللار بېسىلدى!

يىغىندا، باش شۇجىنىڭ يېقىملىق، تەسىرلىك سۆزلىرىدىن نۇرغۇن كىشى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. بېشىدىن ئۆتكۈزمىگىچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئىلگىرىكى «نامرات كۆلبىلەر» «نامرات كۈنلەر» كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق نامايان بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي فۇپىڭغا باردى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، «كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى».

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئۇ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي سىچۈەن دالياڭشەنگە بېرىپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئىككى - ئۈچ سائەت يول يۈردى. يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش ... قىيىن مەسىلىلەر بىر - بىرلەپ ھەل قىلىندى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ كۆزدىن كەچۈرگەن سەنچاخې بازىرىنىڭ سەنخې كەنتىدىكىلەر پىڭبازىدىكى يېڭى كەنتكە كۆچتى . كەنتتىكى ھەممە ئائىلىگە: «كوممۇنىستىك پارتىيە ۋاجىۋا (بەك ياخشى)، باش شۇجى شى جىنپىڭغا كاشاشا (رەھمەت)!» دېگەن خەتلەر چاپلانغانىدى.

يىغىندا سەنخې كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى لى كەي مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىققاندا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىدىنى باش شۇجىغا يەتكۈزدى. ئۇ باش شۇجىغا: «يۇرتداشلار سىزنى بەك سېغىندى، ماڭا سىزگە يەنە بىر قېتىم <كاشاشا> دېيىشنى تاپىلىدى» دېدى.

ئۆتكەن ئىشلار ھېلىمۇ كۆز ئالدىمىزدا. شۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈشتە يۇرتداشلار يول بويى ناخشا ئېيتىپ، خېلى يىراققىچە ئۇزىتىپ قويغانىدى. چاۋاك سادالىرى، ناخشا سادالىرى، ئالقىش سادالىرى بىرى پەسەيسە بىرى ياڭراپ، ھەيۋەتلىك دالياڭشەن تېغىدا جاراڭلىغانىدى.

«كاشاشا»! باش شۇجى شى جىنپىڭمۇ ئوخشاش سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «سەنخې كەنتىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن تىپىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئاسانغا چۈشمىدى».

ئاسان ئەمەس، ئەمما قىلمىسا بولمايدۇ. «يېزىلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، بولۇپمۇ نامرات رايونلار ھاللىق سەۋىيەگە يەتمىسە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ» «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس» ... باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا قۇلاققا سىڭىپ كەتكەن بۇ سۆزلەرنى قايتا ئەسلىگىنىدە، ئۇ ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر نېمىنىڭ پارتىيە، نېمىنىڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

«سەككىز يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ. توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش، بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ھەممىسى خەلق ئۈچۈن، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.

«بىرمۇ نامرات رايون، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.» بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.

ئەڭ چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈش، ئەڭ قەتئىي ئىرادە.

«سەككىز يىلدىن بۇيان، مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتىم، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى 50 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات 14 رايوننى ئايلىنىپ چىقتىم، ھەقىقىي نامراتلارنى كۆرۈشتە چىڭ تۇردۇم، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇردۇم ...»

قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىققا پەرۋا قىلمىدى، ئېگىز تاغ - داۋانلاردىن، يىراق يوللاردىن قورقمىدى. تاغ ئىچكىرىسىدىكى كىچىك ھويلىدا خۇشال كۈلكىلەر ياڭرىدى، دېھقان ئائىلىسىدىكى ھېسابات دەپتىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئىنچىكە سورىدى، كۆپلىگەن تەسىرلىك ھېكايىلەر!

يىغىن مەيدانىدا جىلىن يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىن كەلگەن لى يۈ باش شۇجىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ «ئومۇمىي قىياپىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش بولدى» دېگەن بايانىنى ئاڭلىغاندا قەلبى ھاياجانغا تولدى. ھەر يىلى 200 - 300 كۈن «يېزىغا چۈشىدىغان» بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ھېس قىلغان تەسىراتى «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن شادلىنىش، ئىلھاملىنىش» بولدى، بەزىدە كەنتكە بارغاندا، ئۇ ھەتتا ئىلگىرى ئۆزى كەلگەن جايلارنىمۇ تونۇيالماي قالدى، كىشىلەر تونۇش، ئەمما يوللار يېپيېڭى، ئۆيلەر يېپيېڭى، قىياپەت يېپيېڭى ئىدى.

يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكىلەر جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى، سانسىزلىغان كىشىلەر ئوخشاش تەسىراتقا، ئوخشاش ئورتاق ساداغا ئىگە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ئىدى، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نۇرى ھەربىر بۇلۇڭنىمۇ يورۇتتى، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى بۇنىڭ بىلەن ئۆزگەردى، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بۇنىڭ بىلەن ئىشقا ئاشتى، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ بەختى بۇنىڭ بىلەن يارىتىلدى!»

«نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ھەممىسىدە تاغلىق يېزىلار غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، تاغ - دەريالار گۈزەللىككە تولغان دەۋر كارتىنىسى نامايان بولدى!»

سۆز تۈگىمەي تۇرۇپلا، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

«ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ»

ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» دېگەن مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە مېدال، گۇۋاھنامە، تەقدىرنامىلەرنى بىر - بىرلەپ تارقىتىپ بەردى.

ماۋ شياڭلىن چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى.

ئۇ قىزىل پاياندازدا مېڭىپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزەرى ئىچىدە قەدەممۇقەدەم مېڭىپ باش شۇجىنىڭ ئالدىغا كەلدى. «مېڭىش» ئىلگىرى ئۇ ۋە كەنتتىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ جاپالىق ئىش ئىدى. يەتتە يىل، سەككىز كىلومېتىر، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ تىك قىيادا «پەلەك يولى»نى ياساپ چىقتى، ئۇ بىر ھاياتلىق يولى، شۇنداقلا ئالغا ئىنتىلىش يولى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەزەلدىن كەنتتىن چىقىپ باقمىغان يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەنىدى!

«تاغنى بىر گەز، بىر گەزدىن قازىمىز، يولنى ئون گەز، ئون گەزدىن ياسايمىز ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئون يىل نامرات ياشاپ، ئون يىل جاپالىق ئىشلىسەكمۇ، چوقۇم كېيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.» باش شۇجى يىغىندا نەقىل كەلتۈرگەن ماۋ شياڭلىننىڭ يۇرتداشلارغا ئېيتقان بۇ سۆزى دەل بىر كوممۇنىستنىڭ جاراڭلىق قەسىمى.

بەي جىڭيىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كېرچىن يوۋيى ئوتتۇرا خوشۇنى موڭغۇل كەشتىچىلىكى كەسپى مەخسۇس تۈرىنى ئالغا سىلجىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى.

باش شۇجى ئۇنىڭغا مېدال تاقاپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا: «خىزمەتنى داۋاملىق كۈچەپ، ياخشى ئىشلەڭ!» دەپ تاپىلىدى، چاقناپ تۇرغان مېدال ئۇنىڭ موڭغۇلچە كىيىمىنىڭ ئۈستىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان مودەنگۈل شەكىللىك كەشتىنىڭ ئۈستىگە تاقالغانىدى. بەش يىلدا ئۇ تۇنجى كەشتە تىكىشنى ئۆگەنگۈچى ئوقۇغۇچىدىن 20 مىڭ كەشتە تىككۈچىنى تەربىيەلىگۈچىگە ئايلاندى، يىراق - يېقىندىكى يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «بەي مۇئەللىم» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

پۇتىغا ھەمىشە لاي چاپلىشىپ تۇرىدىغان پېشقەدەم پىروفېسسور لى يۈ شەنشىنىڭ جاشۈي ناھىيەسىنىڭ مور كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. مېدال تارقىتىلغاندا، ئۇ باش شۇجىغا يۈزتۇرا رەھمىتىنى بىلدۈردى، باش شۇجىنىڭ «<كىچىك مور، چوڭ كەسىپ>نى ئالقىشلىغانلىقى»غا رەھمەت ئېيتتى.

«سىلەرنىڭ بۇ قىلىۋاتقىنىڭلار چوڭ قۇرۇلۇش!» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا.

جاڭ گۈيمېي، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭ شەھىرى خۇاپىڭ قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى.

ئۇ «جىلغىدىكى نۇرلۇق چىراغ»، مىڭلىغان بالىلار ئۈچۈن يېنىۋاتقان شام. ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئۇنىڭغا تەنتەنىلىك ھالدا مېدال تارقىتىپ بەردى.

«سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ!» دېدى باش شۇجى ئۇنىڭغا پەس ئاۋازدا.

جاۋ يافۇ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جۈرۇڭ شەھىرى تيەنۋاڭ بازىرى دەيجۇاڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىك كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تەتقىقاتچىسى. «ئىلمىي ماقالىنى زېمىنغا يېزىپ، نەتىجىنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇش»تا چىڭ تۇرغان ئۇ 40 يىلنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كونا ئىنقىلابىي رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئېدىرلىق، تاغلىق رايونلاردا «يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش»تەك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنى تېپىپ چىقتى. مېدال تارقىتىلغاندا، باش شۇجى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: «نەتىجىنى زېمىنغا يېزىڭ» دەپ ئۇنى رىغبەتلەندۈردى.

شيا سېن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى سابىق تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى.

ئۇ تېجەشلىك بىلەن 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل يىغىپ، بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى غەربىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارغا ئىئانە قىلدى. بۈگۈن ئۇ چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ باش شۇجىنىڭ ئالدىغا كەلدى، مەيدىسىدىكى قىزىل گۈل ئاق چاچلىرىنى قىزارتقانىدى.

شۇ تاپتا، ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك مۇشۇ پەيتتە، مېدال تاقىغان ئۇ تىترەپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇشنى ئويلىدى. باش شۇجى ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك بېسىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئىككى قوللاپ ئۇنىڭغا گۇۋاھنامە بەردى.

...

«كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.» بۇ يولنى ئەسلىسەك، سانسىزلىغان كىشىلەر، سانسىزلىغان كىشىلەر توپى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ئون كوللېكتىپ «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. كۈرەش قىلىش نامراتلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى يەنە نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈرمەكتە ۋە رىغبەتلەندۈرمەكتە:

خېبېي ئۆلكىسى سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانى، ئەنخۇي ئۆلكىسى جىنجەي ناھىيەسىنىڭ خۇاشى يېزىسى داۋەن كەنتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فۇجيەن ئۆلكىسى شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىلىق كومىتېتى، جياڭشى ئۆلكىسى رۇيجىن شەھىرىنىڭ يېپىڭ يېزىسى، خۇنەن ئۆلكىسى خۇايۈەن ناھىيەسىنىڭ شۇاڭلۇڭ بازىرى شىبادۇڭ كەنتى، سىچۇەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جاۋجۆ ناھىيەسىنىڭ سەنچاخې بازىرى سەنخې كەنتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىزاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ يېزا ئېلېكتىر خىزمىتى بۆلۈمى، شەنشى ئۆلكىسى سۈيدې ناھىيەسىنىڭ جاڭجيابيەن بازىرى خاۋجياچياۋ كەنتى، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋۇشى بازىرى بەنيەن كەنتى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يۇڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ مىننىڭ بازىرى.

شىبادۇڭ كەنتىدىن كەلگەن شى جىنتۇڭ باش شۇجىنى يەنە بىر قېتىم كۆردى: «باش شۇجى ياخشىمۇسىز، مەن شىبادۇڭ كەنتىدىكى شى جىنتۇڭ».

«مەن بىلىمەن. ئىشلەۋاتقىنىڭىزغا قانچە يىل بولدى؟»

«سەككىز يىل بولدى. شىبادۇڭ كەنتىدىكى ئامما ھازىر ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، سىزنىڭ يەنە بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا تەقەززا بولۇۋاتىدۇ.»

«خەۋەردە دائىم شىبادۇڭ كەنتىنى خەۋەر قىلىدۇ، مەن ھەممىنى كۆرۈۋاتىمەن، پۇرسەت بولسا كۆپچىلىكنى يوقلاپ بارىمەن.»

ئونىنچى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكىنى مىننىڭ بازىرى. بۇ جاي باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كېسىپ ئېيتقان «قۇرغاق قۇملۇق ئالتۇن قۇملۇققا ئايلىنىدۇ» دېگەن يەر شۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈنى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېن ئالدىغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا: «ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىڭلار، مەن سىلەرگە قايىل!» دېدى.

«ئۇلار ئەڭ ئېگىز تاغقا ياماشقان، ئەڭ خەتەرلىك يوللارنى بېسىپ ئۆتكەن، ئەڭ چەت، يىراق كەنتلەرگە بارغان، ئەڭ نامرات ئائىلىلەردە تۇرغان، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇلار شۇ يەردە كۈرەش قىلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا كەڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى.

ساپ دىل كىشىنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولىدۇ. بۇ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە 1800دىن ئارتۇق يولداش نامراتلارنى يۆلەش ئىش ئورنىدا قۇربان بولدى. ئۇلار ئەتراپىدىكى يۇرتداشلارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، قەلبىدىكى ئېتىقادى، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىگە بولغان ئىرادىسىنى تاغ - دالىلاردىكى تۇپراققا يېزىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى ئابىدىسىنى تىكلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە قوشقان تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئۇنتۇپ قالمايدۇ! جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ!»

ئۇزۇنغىچە ياڭرىغان ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ دادىسى خۇاڭ جۇڭجيې يىغىن مەيدانىدا كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى. يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ «تىك ياردىن يول قازغان» ماۋ شياڭلىن يول ياساش ئۈچۈن تىك ياردىن چۈشۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنى ئەسلەپ، كۆز يېشى قىلىپ چاپىنىنىڭ يېڭىنى ھۆل قىلىۋەتتى.

دۆلەت بىلەن ئائىلە، بۇ، ئەڭ جانلىق كارتىنا.

«غەلىبىنى ساقلاش قىيىن»

قەتئىي بوشاشمىغاندىلا يىراق مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ، تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش قىيىن ئەمەس، غەلىبىنى ساقلاش قىيىن».

يول ئۇزۇن، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن ھالقىپ. ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرمىلار ئۈستىدە ئۇزاق ئويلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى يەنە بىر قېتىم سەمىمىي ھالدا مۇنداق تاپىلىدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى».

ۋاقىت ئۇزاق مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقىچە قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم تاشلاندى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىرمۇبىر، ئەتراپلىق پىلانلىدى: «ئاسان قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇسلارغا قارىتا كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىش كېرەك» «نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى كەسىپلەرنى ئۇزاق مۇددەت يېتىلدۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك» «باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلىنىدىغان نامرات ئاممىنى داۋاملاشما يۆلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك» «نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنى ئاتقا يۆلەپ چىقىرىپ بىر بۆلەك يەرگىچە ئاپىرىپ قويۇش كېرەك»...

باش شۇجى ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: بۇ ئىشنى مەن مىخ قېقىش روھى بىلەن قايتا - قايتا تۇتىمەن، مىخ قېقىشنىڭ ئېلاستىكلىقى يەنە راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قىيىنىغا تېگىشتە چىڭ تۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق جاكارلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىن كېيىنكى باھالاش خىزمىتىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەكلىكىنى قارار قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىسلىتى بىلەن، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە نامراتلار سانىنى ئازايتىش يولىدا ماڭدى، جۇڭگوچە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

بۇنىڭغا قاتناشقان ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىراتى بار. ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى، كېچە - كۈندۈز دېمەي ئالدىراش ئىشلەۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق مېخانىزمى... تۈمەنلىگەن تەسىراتلار مۇجەسسەملىنىپ، تارام - تارام ئېقىنلار توختىماي ئېقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىممەتلىك بايلىقىنى ئورتاق ياراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق»؛

«خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئورتاق بېيىش يولىدا ماڭدۇق»؛

«دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئورتاق ئىرادە، ئورتاق ھەرىكەتنى شەكىللەندۈردۇق»؛

«نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق نامراتلىق مەنبەسىنى تۈگەتتۇق»؛

«كەڭ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق»؛

«بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ نامراتلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتۇق»؛

«راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قىيىنىغا تېگىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق»...

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە، سەككىز يىللىق داغدۇغىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلق ئۇرۇشىغا رەڭدار بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى پۈتۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشى «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا - ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلىدى، شەكىللەندۈردى.

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۆجىزىنىڭ ئارقىسىدا مەنىۋى كۈچ، مەنىۋى مۆجىزە بار.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ھەم كۈچلۈك: « پەقەت بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ماڭساقلا، چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭالايمىز!»

سائەت 12نىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى ياڭرىدى، يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كىشىلەر ئۆتۈۋاتقان ۋاقىت ئىچىدە بۇنى ھېس قىلدى، پىكىر يۈرگۈزدى، ئورتاق تونۇشتا بولدى، ھاياجانلاندى.

«يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك!»

ئۇزاققا سوزۇلغان ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى يۈز مىليونلىغان خەلققە يۈزلىنىپ، چوڭقۇر تەزىم قىلدى.

2012 - يىلى 11 - ئايدا، يەنىلا خەلق سارىيىدا، جۇڭگو - چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا يۈزلەنگەندە، باش شۇجىنىڭ: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» دېگەن سۆزى ئۇزاققىچە ياڭرىغانىدى.

خەلق ئۈچۈن بولۇشتا خەلققە تايىنىش كېرەك. بۇ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن يېڭى مۇساپە، بۇ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى دەۋر!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى