تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە گۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نىشان - تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ھەرىكەت بىلەن ئۆزى تاللىغان ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداش ئۆزى تۇتۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى