تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئاتلىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان نىشان، تەلەپ، ئۆگىنىش مەزمۇنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆگىنىش ۋاقتى، ئۆگەنگۈچى خادىم، ئۆگىنىش مەزمۇنى، ئۆگىنىش ئۈنۈمىدىن ئىبارەت «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەم بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش مەزمۇنى، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاش، ھەم مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تۇتۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى شۆجۈن، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن بادەي، سو يۆ، توختى ياقۇپ، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ