تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ مۇنداق بىلدۈردى −

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

«خەلق سوتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز 100 يىللىق كۈرەشنىڭ شانلىق داستانىنى قايتا ئەسلەش ئارقىلىق، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئەسلىي مەقسەت ئارقىلىق كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 2 - سوت كوللېگىيەسىنىڭ كوللېگىيە باشلىقى ۋېي چۇنشيا.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى تەشۋىقات - تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىن مۇنداق دېدى: مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە ئاتلىنىپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىشىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىمىز. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، داۋلىنى بىلىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز».

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن گوچۇن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش ياشلارنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، زورايتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بىز ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتۇش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، يۈكسىلىشكە، ياخشىلىققا يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرىمىز.

(مۇخبىر جاۋ جىيۈن، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، لى شىڭ، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جۈن، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن شى چيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى