− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
بىزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز، قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرساقلا، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر كۆرۈپ يېتەلەيمىز، توغرا ئىگىلىيەلەيمىز.
پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش كېرەك.
داغدام يولنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تارىخنى بىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتە، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلەش كېرەك. تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي پاسسىپ ئەمەس. 100 يىللىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بويىچە تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ماھىر بولدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، چوڭ تارىخىي قاراشنى تۇرغۇزۇپ، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى، دەۋر دولقۇنى، يەرشارىۋى ۋەزىيەتتىن ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى تەھلىل قىلىپ، تارىخىي قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇناسىپ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ئىجادىيلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يېتەكچى ئىدىيە بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ مەنىۋى بايرىقى. ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشتە، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ قانداق قىلىپ جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتكەنلىكى، دۇنيانى ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىيلىكى، ھەقىقەتلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى سىستېمىلىق ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەنىڭ جېنى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، ئەسىر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنىڭ ئاچقۇچى. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.» ئەمەلىي ئىش قىلىشتا، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تارىخى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تارىخى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش تارىخى. ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىر قاتار ئۇلۇغ روھنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇپ، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورنىغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، قىزىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشقا، ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملەش كېرەك.
تارىخنى ئۆگىنىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر. يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم مۇنداق دەيدۇ: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن تارىختىن ئىلھام ئېلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەردىن دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيدىغان، قابىلىيەتنى ئۆستۈرىدىغان بىر مۇھىم تۈگۈن نۇقتا. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كۈرەش قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش تەجرىبىسىنى بېيىتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.
شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر. مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى مۇساپىگە قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچنى، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئىگىلەشتە، بىز بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەستايىدىل ئەسلەپ، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا داۋاملىق ياخشى مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)