تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، ئىنتايىن زۆرۈر

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

«پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر.» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى. پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇھىم، زور پەيتتە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىدا، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، ئىنتايىن زۆرۈر. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى بىر مول، جانلىق دەرسلىك، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىدىكى تىللاردا داستان قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان سەھىپە، پارتىيە تارىخىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنىڭ تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل. 100 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تارىخنى يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى تاۋلاپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى ياراتتى. ئۆتكەن كۈرەش قىلىش يولىنى ئەسلەپ، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، جەزمەن پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

«ئەينەكتىن تاشقى قىياپەتنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىلگىرىكى ئىشلاردىن ھازىرقىنى پەملىگىلى بولىدۇ.» تارىخنى ئۆگىنىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئۆگىنىش تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

100 يىللىق مۇساپە قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. پارتىيە قۇرۇلغان مىسلىسىز كاتتا ئىشتىن تارتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جاھاننى زىلزىلىگە سېلىشىغىچە، يەنە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگىچە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈلۈشىگىچە، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلىغانلىقى تۈپ سەۋەب بولدى. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى يەكۈنلەپ، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، قىزىل گېنغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرسەكلا، بىز چوقۇم تېخىمۇ قۇدرەتلىك ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ