مۇقىيات جارمۇقاممەت، ئەر، قازاق، 1967 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ جىمىنەيدىن، 1986 - يىلى 1 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق (ئىگىلىك باشقۇرۇش) كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1986 - يىلى 1 - ئايدىن 1993 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىنەي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1988 - يىلى 9 - ئايدىن 1990 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ مالىيە كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇغان)؛ 1993 - يىلى 6 - ئايدىن 1996 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جىمىنەي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1996 - يىلى 1 - ئايدىن 1999 - يىلى7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جېمىنەي ناھىيەسى توپتېرەك يېزىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1999 - يىلى7 - ئايدىن 2000 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ھاكىم ياردەمچىسى، توپتېرەك يېزىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2000 - يىلى 8 - ئايدىن 2002 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان (1999 - يىلى9 - ئايدىن 2001 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان)؛ 2002 - يىلى 1 - ئايدىن 2003 - يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جېمىنەي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (2000 - يىلى 3 - ئايدىن 2002 - يىلى 6 - ئايغىچە داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپى ئاسپىرانتلار دەرسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2002 - يىلى 3 - ئايدىن 2002 - يىلى 7 - ئايغىچە داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2003 - يىلى 2 - ئايدىن 2003 - يىلى 10 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2003 - يىلى 10 - ئايدىن 2007 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باش كاتىپى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2004 - يىلى 3 - ئايدىن 2004 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش - ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2007 - يىلى 8 - ئايدىن 2012 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان(بۇ مەزگىلدە: 2011 - يىلى 3 - ئايدىن 2011 - يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2012 - يىلى 1 - ئايدىن 2016 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان(مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) (بۇ مەزگىلدە: 2015 - يىلى 3 - ئايدىن 2016 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش - ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش 2 - سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2016 - يىلى 6 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى(2016 - يىلى 3 - ئايدىن 2018 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق <ئىگىلىك باشقۇرۇش> كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 2019 - يىلى 9 - ئايدىن 2020 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش - ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش 1 - سىنىپىدا ئوقۇغان)
13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.