تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زۇمرەت ئوبۇلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

زۇمرەت ئوبۇل، ئايال، ئۇيغۇر، 1965 - يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەردىن، 1982 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1995 - يىلى 3 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى سىرتتىن ئوقۇغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1980 - يىلى 11 - ئايدىن 1982 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ قەشقەر مالىيە - سودا مەكتىپىنىڭ مال باھا كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1982 - يىلى 8 - ئايدىن 1984 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوناشەھەر ناھىيەلىك تېببىي دورا شىركىتىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1984 - يىلى 12 - ئايدىن 1991 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتى مال باھا بۆلۈمى، مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛ 1991 - يىلى 1 - ئايدىن 1992 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتى مەدەنىيەت تىجارىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان؛ 1992 - يىلى 8 - ئايدىن 1995 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتى مىللىي سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى بولغان؛ 1995 - يىلى 8 - ئايدىن 2001 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1996 - يىلى 3 - ئايدىن 1996 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 1998 - يىلى 9 - ئايدىن 1999 - يىلى 6 - ئايغىچە تيەنجىن داشۆسى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2001 - يىلى 1 - ئايدىن 2006 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان (2000 - يىلى 8 - ئايدىن 2002 - يىلى 12 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماتېرىيال بىلەن ئوقۇتۇلىدىغان ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان)؛ 2006 - يىلى 5 - ئايدىن 2008 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2008 - يىلى 8 - ئايدىن 2008 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان؛ 2008 - يىلى 12 - ئايدىن 2012 - يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان؛ 2012 - يىلى 3 - ئايدىن 2016 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2014 - يىلى 3 - ئايدىن 2014 - يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2016 - يىلى 5 - ئايدىن 2017 - يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2017 - يىلى 2 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل