تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لى نىڭپىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

لى نىڭپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، چۇڭچىڭدىن، 1982 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئاگرونوم.

1979 - يىلى 9 - ئايدىن 1982 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئىلى يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1982 - يىلى 8 - ئايدىن 1990 - يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈنەس ناھىيەسى ياۋا مېۋىلىك ئورمان سورتىنى ياخشىلاش مەيدانىنىڭ تېخنىكى، ئىشلەپچىقىرىش كادىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1989 - يىلى 3 - ئايدىن 1990 - يىلى 4 - ئايغىچە ياپونىيە چيۇتيەنيىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1990 - يىلى 9 - ئايدىن 1992 - يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈنەس ناھىيەسى ياۋا مېۋىلىك ئورمان سورتىنى ياخشىلاش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1992 - يىلى 2 - ئايدىن 1992 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈنەس ناھىيەسى ياۋا مېۋىلىك ئورمان سورتىنى ياخشىلاش مەيدانىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1992 - يىلى 12 - ئايدىن 1995 - يىلى 1 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 1995 - يىلى 1 - ئايدىن 2000 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك باغۋەنچىلىك ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان (1993 - يىلى 9 - ئايدىن 1996 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئوقۇغان؛ 1999 - يىلى 11 - ئايدىن 2000 - يىلى 5 - ئايغىچە ياپونىيە دەيگۇاڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى داشۆسىدە ئوقۇغان)؛ 2000 - يىلى 8 - ئايدىن 2002 - يىلى 10 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قورغاس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1999 - يىلى 3 - ئايدىن 2000 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلار دەرسى بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2002 - يىلى 10 - ئايدىن 2010 - يىلى 9 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (2007 - يىلى 8 - ئايدا مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان)؛ 2010 - يىلى 9 - ئايدىن 2014 - يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)، غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2014 - يىلى 11 - ئايدىن 2015 - يىلى 4 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان؛ 2015 - يىلى 4 - ئايدىن 2016 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (2016 - يىلى 7 - ئايدا قالدۇرۇلغان)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان؛ 2016 - يىلى 12 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3 - شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى (بۇ مەزگىلدە: 2018 - يىلى 6 - ئايدىن 2021 - يىلى 1 - ئايغىچە ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن).

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى