تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنى تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

(2021- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى مەزگىلىدە، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىپ، «ئۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئۈچ چوڭ ئىش»نى ياخشى تۇتۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە، ھۆكۈمەت دىققەت قىلىۋاتقان، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، سىياسىي كېڭەش قىلالايدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تېما تاللاپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ ئارقىلىق پائال چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 14 كىچە، جەمئىي 815 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»گە ئاساسەن، تەكلىپلەر ئەستايىدىل تەكشۈرۈلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 704 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. 111 پارچە تەكلىپ - پىكىر ۋە تەكلىپكە ئايلاندۇرۇلدى. ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار تەكلىپى 542 پارچە بولۇپ، %77نى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالارنىڭ بىرلەشمە تەكلىپى 102 پارچە بولدى؛ كوللېكتىپ تەكلىپ 162 پارچە بولۇپ، %23نى ئىگىلىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەزالار تاپشۇرغان تەكلىپلەرنىڭ تېما تاللىنىشى تېخىمۇ توغرا، پىكرى تېخىمۇ كونكرېت، سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئېڭى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپلەر 284 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %40ىنى ئىگىلىدى؛ سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپلەر 41 پارچە بولۇپ، %6نى ئىگىلىدى؛ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپلەر 227 پارچە بولۇپ، %32نى ئىگىلىدى؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپلەر 92 پارچە بولۇپ، %13نى ئىگىلىدى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپلەر 60 پارچە بولۇپ، %9نى ئىگىلىدى. ئىنكاس بىرقەدەر مەركەزلىك بولغان تەكلىپلەر:

بىرىنچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە. ئاساسلىق تەكلىپلەر: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەقلىي ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى قۇرۇش، چېگرا بويلاپ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، قاتناش، سۇچىلىق ۋە باشقا مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى قوللاش قاتارلىقلار.

ئىككىنچى، سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە. ئاساسلىق تەكلىپلەر: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزىلاردىكى مەھەللىلەرنى ئىدارە قىلىش نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى»نى چىقىرىش، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش بازىسى قۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە. ئاساسلىق تەكلىپلەر: پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىش، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىش؛ پەن - تېخنىكىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ مەھەللە ئاساس قىلىنغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ كەنت ئاھالىلىرىگە بولغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاقىل مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەھەللە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار.

تۆتىنچى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە. ئاساسلىق تەكلىپلەر: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش؛ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تارىخ ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سۆزلىتىش؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى كۆپەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېننى يەتكۈزۈش؛ قۇملۇق ساياھىتى، قىزىل ساياھەت، سانائەت ساياھىتى، قار - مۇز ساياھىتى قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىش قاتارلىقلار.

بەشىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە. ئاساسلىق تەكلىپلەر: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق گېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق، تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش؛ بايلىقنى تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىش؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل