تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

(2021- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

يىغىن مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قاتارلىق ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى، چوڭ يىغىندا قىلىنغان سۆزلەرنى ئاڭلىدى، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى، ئەزالار بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھات تەدبىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. يىغىن رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، مۇئاۋىن رەئىس ئىلھام سابىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاپ چىقتى. ئەزالار ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇزاكىرە قىلدى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى (لايىھە)»، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلدى، يۇقىرىدىكى دوكلاتلار ۋە ھۆججەتلەرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى. ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. يىغىن ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دۇرۇس كەيپىيات ئىچىدە، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، ئىتتىپاقلىق يىغىنى، دېموكراتىك يىغىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان يىغىن بولدى.

يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن بىر يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئاجايىپ بولغان، ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتى تارىخىدىكى نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. چىگىش - مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تەر ئاققۇزۇپ ھاسىلاتقا ئېرىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى روشەن ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، دىن ساھەسى ئېجىل - ئىناق بولدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز ئالغا باستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى روشەن ئاشتى، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىر - بىرىگە سىڭدۈرۈشتە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە تەڭ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇردى، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساس تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش تېخىمۇ پۇختىلاندى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتى تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى تېخىمۇ نامايان بولدى، مەركىزىي خىزمەتكە، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش يولىدا مۇھىم تۆھپە يارىتىلدى.

يىغىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە چوڭقۇر كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ئىدىيە ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قاراش ۋە ئۇنى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى تۈپ ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا كۈچىشى كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك؛ شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاكتىپ كۈچنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە مۇجەسسەملىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشتىكىدەكلا ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشى كېرەك؛ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ۋە «ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»كە تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك؛ دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملىق چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق سىياسىي كېڭىشى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەۋقەنى باشتىن - ئاخىر «ئىككى ئومۇملۇق»قا قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «مۇھىم بازا، مۇھىم سۇپا، مۇھىم يول»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى يارىتىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشى كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «قۇرۇش» سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «مەخسۇس كېڭىشىش» سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، «كېڭىشىش» ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش بىرلىك سەپنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساسنى پۇختىلىشى كېرەك.

يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ، ئەلا نەتىجە بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە چاقىرىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى