تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلانغانلار ئىسىملىكى

(تۆت نەپەر)

(2021- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

پېڭ جيارۇي نۇرۇم ئىسمايىلقان (قازاق) دىلشات قىدىرقان (قىرغىز) ئېزىز مۇسا (ئۇيغۇر)

پېڭ جيارۇي

پېڭ جيارۇينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

پېڭ جيارۇي، ئەر، خەنزۇ، 1961 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ ۋۇۋېيدىن، 1981 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش شۆيۈەنىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1979 - يىلى 8 - ئايدىن 1981 - يىلى 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ سىياسىي - قانۇن كادىرلار مەكتىپى جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1981 - يىلى 8 - ئايدىن 1990 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەمگەك - كادىرلار ئىدارىسى كادىرلار بۆلۈمىدە خادىم، مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ 1990 - يىلى 9 - ئايدىن 1992 - يىلى 3 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق ئەمگەك - كادىرلار ئىدارىسى پىلان - قوبۇل قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ 1992 - يىلى 3 - ئايدىن 1992 - يىلى 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ 1992 - يىلى 10 - ئايدىن 1995 - يىلى 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىچۈەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1990 - يىلى 9 - ئايدىن 1993 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىئەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە شۆيۈەنى ئۈرۈمچى شۆبە شۆيۈەنىدە سىياسىي خىزمەت كەسپىنى سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1993 - يىلى 3 - ئايدىن 1993 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛ 1995 - يىلى 4 - ئايدىن 1995 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان؛ 1995 - يىلى 12 - ئايدىن 1996 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان (1994 - يىلى 8 - ئايدىن 1996 - يىلى 12 - ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش شۆيۈەنىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش داشۆسىدە ئوقۇغان)؛ 1996 - يىلى 12 - ئايدىن 1998 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998 - يىلى 1 - ئايدىن 2000 - يىلى 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان (1996 - يىلى 12 - ئايدىن 1998 - يىلى 11 - ئايغىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنى سانائەت ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1999 - يىلى 9 - ئايدىن 2000 - يىلى 1 - ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2000 - يىلى 4 - ئايدىن 2001 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2001 - يىلى 1 - ئايدىن 2001 - يىلى 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2001 - يىلى 8 - ئايدىن 2004 - يىلى 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2004 - يىلى 10 - ئايدىن 2004 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2004 - يىلى 12 - ئايدىن 2011 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يىزا ئىگىلىك 9 - شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېيسى بولغان؛ 2011 - يىلى 7 - ئايدىن 2015 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى (يېزا ئىگىلىك) 2 - شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېيسى بولغان؛ 2015 - يىلى 12 - ئايدىن 2016 - يىلى 3 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان؛ 2016 - يىلى 3 - ئايدىن 2016 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بولغان؛ 2016 - يىلى 12 - ئايدىن 2017 - يىلى 3 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛ 2017 - يىلى 3 - ئايدىن 2017 - يىلى 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2017 - يىلى 4 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى.

پارتىيە 17 - ، 18 - ، 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

نۇرۇم ئىسمايىلقان

نۇرۇم ئىسمايىلقاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئەر، قازاق، 1962 - يىل 7 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ تېكەستىن، 1985 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى چارۋىچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1980 - يىلى 9 - ئايدىن 1985 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى چارۋىچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1985 - يىلى 7 - ئايدىن 1985 - يىلى 8 - ئايغىچە تەقسىمات كۈتكەن؛ 1985 - يىلى 8 - ئايدىن 1987 - يىلى 6 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ خادىمى بولغان؛ 1987 - يىلى 6 - ئايدىن 1992 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان؛ 1992 - يىلى 12 - ئايدىن 1993 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا ئىگىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1993 - يىلى 9 - ئايدىن 1994 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈنەس ناھىيەسىدە ھاكىم ياردەمچىسى بولغان؛ 1994 - يىلى 12 - ئايدىن 1998 - يىلى 5 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا ئىگىلىك كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995 - يىلى 9 - ئايدىن 1996 - يىلى 7 - ئايغىچە، تيەنجىن داشۆنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1998 - يىلى 5 - ئايدىن 2001 - يىلى 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2000 - يىلى 9 - ئايدىن 2000 - يىلى 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2001 - يىلى 4 - ئايدىن 2001 - يىلى 6 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان؛ 2001 - يىلى 6 - ئايدىن 2002 - يىلى 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك تەشكىللىگۈچىسى، تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان؛ 2002 - يىلى 11 - ئايدىن 2007 - يىلى 3 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈنەس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2005 - يىلى 9 - ئايدىن 2005 - يىلى 12 - ئايغىچە، دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنىنىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2007 - يىلى 3 - ئايدىن 2011 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)؛ 2011 - يىلى 12 - ئايدىن 2016 - يىلى 6 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)؛ 2016 - يىلى 6 - ئايدىن 2018 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2018 - يىلى 1 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (2017 - يىلى 2 - ئايدىن 2018 - يىلى 2 - ئايغىچە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش ئەترەت باشلىقى، گۈلباغ كەنتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان).

دىلشات قىدىرقان

دىلشات قىدىرقاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

دىلشات قىدىرقان، ئەر، قىرغىز، 1966 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ تېكەستىن، 1990 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1988 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1984 - يىلى 9 - ئايدىن 1986 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان؛ 1986 - يىلى 9 - ئايدىن 1990 - يىلى 7 - ئايغىچە، غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1990 - يىلى 7 - ئايدىن 1995 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1990 - يىلى 12 - ئايدىن 1991 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىڭگىل ناھىيەسى ئاقشوبا چارۋىچىلىق مەيدانىدا چېنىققان)؛ 1995 - يىلى 12 - ئايدىن 2001 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1997 - يىلى 3 - ئايدىن 1998 - يىلى 3 - ئايغىچە، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىيە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1998 - يىلى 9 - ئايدىن 2000 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلىق دەرسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2001 - يىلى 9 - ئايدىن 2007 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2006 - يىلى 4 - ئايدىن 2006 - يىلى 9 - ئايغىچە، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىپ تيەنجىن شەھىرى بېيچېن رايونىنىڭ رايون باشلىقى ياردەمچىسى بولغان)؛ 2007 - يىلى 1 - ئايدىن 2011 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان؛ 2011 - يىلى 1 - ئايدىن 2011 - يىلى 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىق ئىشخانىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2011 - يىلى 2 - ئايدىن 2015 - يىلى 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىق ئىشخانىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى (مۇئاۋىن مۇدىر) بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2014 - يىلى 3 - ئايدىن 2015 - يىلى 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە قەشقەر شەھىرى پاختەكلىك يېزىسى تۆۋەنكى قاقۇللا كەنتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان)؛ 2015 - يىلى 4 - ئايدىن 2016 - يىلى 6 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2016 - يىلى 6 - ئايدىن 2017 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى بولغان؛ 2017 - يىلى 1 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى.

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

ئېزىز مۇسا

ئېزىز مۇسانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئېزىز مۇسا، ئەر، ئۇيغۇر، 1963 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ شاياردىن، 1985 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنى خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

1980 - يىلى 9 - ئايدىن 1985 - يىلى 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى فاكۇلتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1985 - يىلى 8 - ئايدىن 1985 - يىلى 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك خىزمىتى بۆلۈمىدە كادىر بولغان؛ 1985 - يىلى 10 - ئايدىن 1989 - يىلى 5 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1986 - يىلى 3 - ئايدىن 1987 - يىلى 1 - ئايغىچە، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولغان)؛ 1989 - يىلى 5 - ئايدىن 1992 - يىلى 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1990 - يىلى 9 - ئايدىن 1991 - يىلى 7 - ئايغىچە، تيەنجىن داشۆنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1991 - يىلى 9 - ئايدىن 1991 - يىلى 12 - ئايغىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھەرلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىققان)؛ 1992 - يىلى 2 - ئايدىن 1993 - يىلى 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيەلىك پىلان كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1992 - يىلى 2 - ئايدىن 1992 - يىلى 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1993 - يىلى 2 - ئايدىن 1998 - يىلى 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان؛ 1998 - يىلى 10 - ئايدىن 2000 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2000 - يىلى 12 - ئايدىن 2001 - يىلى 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۇچا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان؛ 2001 - يىلى 2 - ئايدىن 2006 - يىلى 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۇچا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2003 - يىلى 9 - ئايدىن 2004 - يىلى 1 - ئايغىچە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىپ بېيجىڭ شەھىرى شۇەنۋۇ رايونىنىڭ رايون باشلىقى ياردەمچىسى بولغان؛ 2005 - يىلى 9 - ئايدىن 2006 - يىلى 1 - ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2006 - يىلى 8 - ئايدىن 2007 - يىلى 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛ 2007 - يىلى 10 - ئايدىن 2010 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان (2006 - يىلى 3 - ئايدىن 2008 - يىلى 1 - ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنى خەلقئارا سىياسىي كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان)؛ 2010 - يىلى 9 - ئايدىن 2012 - يىلى 3 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان؛ 2012 - يىلى 3 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى